فالۇجادىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرى شىددەتلىك ھوجۇمغا ئۇچرىدى


2004.11.11

ئىراقتىكى ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ فالۇجادا قۇرغان باش شتابى قوراللىق كۈچلەرنىڭ ھەر تەرەپلىمە ھوجۇمىغا ئۇچرىدى. قوراللىق كۈچلەر ھەر تەرەپتىن باش شتاب بىناسىغا قارىتىپ ئوق چىقارغان.

ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو تېلۋېزىيىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە قوشۇن فالۇجاغا ھوجۇم قىلىپ، مەزكۈر شەھەرنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىنى ئىگىلىگەندىن كىيىن، قارشىلاشقۇچى كۈچلەر قايتىدىن تەشكىللەنگەن بولىشى مومكىن ئىكەن.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا ئەسكەرلىرى فالۇجاغا قاراتقان ھوجۇمىنى داۋاملاشتۇردى. ئامېرىكا قىسىملىرى ئايرۇپىلان ۋە توپ-زەمبىرەكلەر بىلەن قارشىلاشقۇچى كۈچلەر يوشۇرۇنغان جايلارنى بومباردىمان قىلدى. ئامېرىكىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ فالۇجادىكى تۆت كۈنلۈك ھەرىكىتى جەرياندا، نەچچە مىڭلىغان قوراللىق كۈچلەرنى يوقۇتۇپ، ئەسرگە ئالغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما يەنە بىر قىسىم ھەربىي ئەمەلدارلار ھوجۇمدا بەش يۈز قوراللىق ئۇنسۇرنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

بۇنىڭدىن سىرت، ئىراقتىكى قارشىلاشقۇچى كۈچلەر يەنە بىر قانچە شەھەرلەردە ھوجۇم باشلىغان. باغدات شەھىرىدىكى بىر قايناق بازاردا ماشىنا پارتلاپ، ئاز دىگەندە 17 ئادەم ئۆلگەن. شىمالدىكى مۇسۇل شەھىرىدىمۇ قوراللۇق كۈچلەر بىر قانچە ساقچى پونكىتىغا ھوجۇم قىلىپ، بىر قىسىم قوراللارنى بۇلاپ كەتكەن. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.