ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرى موسۇلدىكى قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەرگە ھۇجۇم قىلدى
2004.11.16
ئىراقتىكى ئامېرىكا ھەربىي دائىرلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئامېرىكا بىلەن ئىراق ئارمىيىسى ئىراقنىڭ شىمالى موسۇلدىكى قارشىلىق كۆرسەتكۈچى كۈچلەرگە قارىتا ھۇجۇم قوزغىغان.
ئامېرىكا ھەربىي تەرەپ باياناتچىسى ئانجېلا بوۋمەن خانىم، ئىراقنىڭ ئۈچىنچى چوڭ شەھىرى موسۇلدا مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ، ھەربىي قىسىملارنىڭ سەيشەنبە كۈنى، بىر نەچچە كۈندىن بېرى قارشىلىق كۆرسەتكۈچى كۈچلەرنىڭ ئېغىر ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ساقچى ئىدارىلىرىنى قوغداش ئۈچۈن، موسۇلغا يېتىپ كەلگەنلىگىنى تەكىتلىگەن.
ئىراقنىڭ فەللۇجاھ شەھىرىدە يۈز بەرگەن جىددى توقۇنۇشلار، موسۇل ۋە باشقا رايونلارغا يۆتكەلگەن بولۇپ، دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرى فەللۇجاھدا بىر ھەپتىلىك جەڭ ئېلىپ بېرىپ، پۈتۈن شەھەرنى قامال قىلغان. بىراق، قارشىلىق كۆرسەتكۈچى كۈچلەرنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇملىرى يەنىلا داۋاملاشماقتا ئىكەن، ئامېرىكا ھەربىي دائىرلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى باراد شەھىرىدە بىر ئامېرىكا ئەسكىرى ئۆلتۈرۈلگەن. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- فالۇجادىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرى شىددەتلىك ھوجۇمغا ئۇچرىدى
- ئامېرىكا ۋە ئىراق ئارمىيىسى فاللۇجانىڭ مەركىزىگىچە ھۇجۇم قىلىپ كىردى
- ئىراقنىڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى فەللۇجاھدىكى قارشىلىق كۆرسەتكۈچى كۈچلەرنىڭ قورال تاشلىشىنى تەشەببۈس قىلدى
- ئىراقتىكى ئامېرىكا قسملىرى فەلۇجاھ شەھىرىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم باشلىدى
- ئىراق مەملىكەت بويىچە جىددى ھالەت ئېلان قىلدى
- باغدادتا پارتلاش يۈز بېرىپ بەش ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى
- ئامېرىكا ئەسكەرلىرى، ئەل - زاكاۋىينىڭ يەنە بىر ياردەمچىسىنى يوقاتتى
- ئىراقنىڭ ئىچكى ۋەزىيىتى داۋاملىق جىددىلەشمەكتە
- ئامېرىكا تەكشۈرگۈچىسى ئىراقنىڭ يادرو قوراللارغا ئىگە ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى
- ئىراقتا پارتلاش ۋەقەلىرى داۋاملىق يۈز بەرمەكتە