ئىراق ئومومىي خەلق سايلىمى 30 - يانۋار كۈنى ئۆتكۈزىلىدۇ
2004.11.21
ئىراق سايلام كومىتىتى سابىق سادام ھۈسەيىن ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىنكى تۈنجى قېتىملىق ئومۇمىي خەلق سايلىمىنىڭ 2005 - يىلى 1 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ئۆتكۈزىلىدىغانلىقىنى جاكالىدى.
ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو-تېلۋېزىيىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىراقنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا سايلىغۇچىلارنى تىزىمغا ئالدۇرۇش خىزمىتى داۋاملاشماقتا. بىراق، بىر قىسىم جايلاردىكى تىزىمغا ئېلىش پونكىتلىرى زوراۋانلىق توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن ۋاقتىنچە تاقالغان.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە جەمئىي 100 دىن ئارتۇق پارتىيە بۇ قېتىمقى ئومۇمىي سايلامغا قاتنىشىشقا تىزىملاتقان.
يېقىندىن بويان ئىراقنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى زوراۋانلىق توقۇنۇشلارنىڭ ئەۋج ئېلىشى بىلەن بارغانسىرى كۆپ كىشىلەر سايلامنىڭ ئىلگىرى ۋەدە قىلىنغاندەك 1 - ئايدا ئۆتكۈزىلىشىدىن گۇمان قىلىشقا باشلىغان ئىدى. بىراق سايلام كومىتىتىنىڭ باياناتچىسى فارىد ئايارگەرچە فالۇجا ، مۇسۇل قاتارلىق جايلاردا توقۇنۇش داۋاملىشىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئومومىي سايلامنىڭ 1 - ئايدا بۇ رايۇنلاردىمۇ ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
30 - يانۋار كۈنى ئۆتكۈزىلىدىغان سايلامدا ئىراق پارلامېنتىنىڭ ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەزالىرى سايلاپ چىقىلىدۇ. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرى موسۇلدىكى قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەرگە ھۇجۇم قىلدى
- فالۇجادىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرى شىددەتلىك ھوجۇمغا ئۇچرىدى
- ئامېرىكا ۋە ئىراق ئارمىيىسى فاللۇجانىڭ مەركىزىگىچە ھۇجۇم قىلىپ كىردى
- ئىراقنىڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى فەللۇجاھدىكى قارشىلىق كۆرسەتكۈچى كۈچلەرنىڭ قورال تاشلىشىنى تەشەببۈس قىلدى
- ئىراقتىكى ئامېرىكا قسملىرى فەلۇجاھ شەھىرىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم باشلىدى
- ئىراق مەملىكەت بويىچە جىددى ھالەت ئېلان قىلدى
- باغدادتا پارتلاش يۈز بېرىپ بەش ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى
- ئامېرىكا ئەسكەرلىرى، ئەل - زاكاۋىينىڭ يەنە بىر ياردەمچىسىنى يوقاتتى
- ئىراقنىڭ ئىچكى ۋەزىيىتى داۋاملىق جىددىلەشمەكتە
- ئامېرىكا تەكشۈرگۈچىسى ئىراقنىڭ يادرو قوراللارغا ئىگە ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى