ئامېرىكا ئارمىيىسى فالۇجاھتا زور بىر تۈركۈم قوراللارنى بايقىدى
ئامېرىكا ئارمىيە دائىرىلىرى، فالۇجاھتىكى ئىلگىرى قوراللىق كۈچلەر تەرىپىدىن ئىگىلەنگەن بىر مەسچىتنىڭ ئىچىدىن زور تۈركۈمدە قوراللارنى بايقىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىراقتىكى ئامېرىكا ھەربىي ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار فالۇجاھ شەھىرىدىكى تازىلاش ھەرىكىتى جەريانىدا زور تۈركۈمدىكى مىلتىق، بومبا، گرانات ، ئېغىر تىپلىق زەمبىرەكلەر ۋە 700 دانىدەك زەمبىرەك ئوقىنى بايقىغان.
ئامېرىكا دائىرىلىرى، قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ بۇ قوراللار بىلەن ئىراق دائىرىسىدە ئومۇمى يۈزلۈك زوراۋانلىق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشقا يىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ئامېرىكا قوشۇنلىرى ئۆتكەن ئايدا فالۇجاھتىكى ئۆكتىچى قوراللىق كۈچلەرگە قارشى كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم باشلىغان ئىدى. گەرچە ھازىر كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت ئاياقلاشقان بولسىمۇ، ئەمما قوراللىق ئۇنسۇرلارنى تازىلاش ھەرىكىتى داۋاملاشماقتا.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىراق قىزىل ھىلال جەمئىيىتى فالۇجا شەھىرىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمىنى باشلىغانلىقىنى، خادىملىرىنىڭ ئاشلىق يەتكۈزۈش ۋە ئۆلگەنلەرنى دەپنە قىلىش ئىشلىرىغا ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ ئارىدا خىتاي ھۆكۈمىتى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىراقنىڭ بولغۇسى سايلىمى ئۈچۈن، يەنە بىر مىليون دوللار ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۇنىڭ ئالدىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئىراقنىڭ بىر قىسىم قەرزلىرىنى بىكار قىلىپ، ئىراقنىڭ قايتا قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا 25 مىليون دوللار ياردەم بېرىشقا ۋەدە بەرگەن. لېكىن بۇ ياردەمنىڭ قانچىلىكىنىڭ ئەمەلىيلەشكەنلىكى تېخى ئېنىق ئەمەس. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا كەڭ كۆلەمدە يوقىتىش خاراكتېرلىك قوراللارنىڭ تارقىلىشى ھەققىدىكى يىللىق دوكلات ئېلان قىلدى
- پۇتىن رۇسىيىنىڭ يېڭى تىپتىكى يادرو بومبا سېستىمىسى ياساۋاتقانلىقىنى ئېيتتى
- فالۇجادىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرى شىددەتلىك ھوجۇمغا ئۇچرىدى
- ئامېرىكا ۋە ئىراق ئارمىيىسى فاللۇجانىڭ مەركىزىگىچە ھۇجۇم قىلىپ كىردى
- ئىراقنىڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى فەللۇجاھدىكى قارشىلىق كۆرسەتكۈچى كۈچلەرنىڭ قورال تاشلىشىنى تەشەببۈس قىلدى
- ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى خىتاينىڭ يادرو قوراللىرىغا ئائىت دوكلاتىنى ئاشكارىلىدى
- ئامېرىكا تەكشۈرگۈچىسى ئىراقنىڭ يادرو قوراللارغا ئىگە ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى
- ئامېرىكا خىتاينىڭ يەتتە شىركىتىگە ئىقتىسادى جازا يۈرگۈزدى
- شىمالى كورىيە يادرو قوراللاردىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى
- خىتاي بىلەن ئامېرىكا يادرو قوراللار مەسىلىسىدە ئىختىلابلارنى ھەل قىلىشقا قاراپ يۈزلەندى