ئىراق ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى ئىراقتىكى سۈننىي مۇسۇلمانلىرى ۋە كۇرد تەشكىلاتلىرىنىڭ ئومومىي سايلامنى كېچىكتۈرۈش ھەققىدىكى تەلىپىنى رەت قىلدى.
سۈننىي مۇسۇلمانلىرى ۋە كۇرد تەشكىلاتلىرى ئىراقتا بارغانسىرى ئەۋج ئېلىۋاتقان زوراۋانلىق توقۇنۇشلارنى كۆزدە تۇتۇپ، 1 - ئاينىڭ 30 - كۈنىگە بېكىتىلگەن تۈنجى ئومومىي سايلامنى ئاز دېگەندە ئالتە ئاي كېچىكتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.
بىر قىسىم تەشكىلاتلار، نۇرغۇن ئىراقلىقلارنىڭ زوراۋانلىق ۋەقەلەردىن قورقۇپ، بىلەت تاشلاشقا بارالماسلىقىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق، ئىراقتىكى كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان شىئە مۇسۇلمانلىرى بولسا بۇنىڭغا قارشى چىققان.
ئىراق ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىمۇ شەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، سايلامنىڭ ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ پۇقرالارنىڭ سايلامغا قاتنىشىشىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىراقتىكى ئۆكتىچى كۈچلەر داۋاملىق تۈردە ئامېرىكا قوشۇنلىرى ۋە ئىراق ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىگە قارشى ھۇجۇم قوزغىماقتا. ئامېرىكا ھەربىي ئەمەلدارلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، يەكشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ بىر ماشىنا ئەترىتى باغدات ئايرودرومىغا بېرىش يولىدا، بومبا قاچىلانغان ماشىنىنىڭ ھوجۇمىغا ئۇچراپ، ۋەقەدە ئاز دېگەندە ئىككى ئامېرىكا ئەسكىرى يارىلانغان. (ئارزۇ)