بۈگۈن، ئىراقنىڭ پايتەختى باغدادنىڭ غەربىي رايونىغا جايلاشقان رامادى شەھرىدە يۈز بەرگەن پارتلاشتا تۆت ئىراق مىللىي ئارمىيىسىنىڭ ئەسكىرى، تۆت ئىراق پۇقراسى ۋە ئىككى ئامېرىكا ئەسكىرى ئۆلدى.
ئىراقتىكى قارشىلاشقۇچى كۈچلەرنىڭ ھۇجۇملىرىنى ئۈزلۈكسىز دۋاملاشتۇرىشى تۈپەيلىدىن، ئىراقتىكى سىياسىي پارتيىلەرنىڭ ئاساسلىق قىسمى كىلەر يىلى 30- يانۋار كۈنى ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغان سايلامنىڭ كېچىكتۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. لېكىن ئىراق ھۆكۈمىتى شۇنداقلا ئامېرىكا، ئىراقتىكى سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ بۇ تەلىپىنى رەت قىلدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كولىن پاۋېل ئىراقتىكى سايلامنىڭ كىچىكتۈرۈلۈشى ئۈچۈن ھېچقانداق بىر سەۋەپ مەۋجۇت ئەمەس دىدى.
ئىراقتا قارشلاشقۇچى كۈچلەرنىڭ ھۇجۇملىرى ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئىراق باش مىنىستىرى ئەياد ئەلاۋي، فەللۇجاھ شەھرى ئامېرىكا قىسىملىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندىن بىرى، ئىراقتا توقۇنۇشلارنىڭ پەسىيىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
لېكىن، خەۋەرلەرگە قارىغاندا، گەرچە ئىراقتىكى قارشىلاشقۇچى كۈچلەر فەللۇجاھ شەھرىنى تارقتقۇزۇپ قويغان بولسىمۇ، ھۇجۇملىرىنى ئۈسلۈكسىز داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ. ئامېرىكا ھەربىي خادىملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۈشەنبە كۈنى يەنە باغدادنىڭ جەنۇبى رايونىدىكى توقۇنۇشلاردا 13 ئامېرىكا ئەسكىرى يارىلانغان. (قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئىراق ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى سايلامنى كېچىكتۈرۈشنى رەت قىلدى
- ئامېرىكا ئارمىيىسى فالۇجاھتا زور بىر تۈركۈم قوراللارنى بايقىدى
- ئىراق ئومومىي خەلق سايلىمى 30 - يانۋار كۈنى ئۆتكۈزىلىدۇ
- ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرى موسۇلدىكى قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەرگە ھۇجۇم قىلدى
- فالۇجادىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرى شىددەتلىك ھوجۇمغا ئۇچرىدى
- ئامېرىكا ۋە ئىراق ئارمىيىسى فاللۇجانىڭ مەركىزىگىچە ھۇجۇم قىلىپ كىردى
- ئىراقنىڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى فەللۇجاھدىكى قارشىلىق كۆرسەتكۈچى كۈچلەرنىڭ قورال تاشلىشىنى تەشەببۈس قىلدى
- ئىراقتىكى ئامېرىكا قسملىرى فەلۇجاھ شەھىرىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم باشلىدى
- ئىراق مەملىكەت بويىچە جىددى ھالەت ئېلان قىلدى
- باغدادتا پارتلاش يۈز بېرىپ بەش ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى