بىرىنچى ئاينىڭ ئاخىرى مۇسۇل ۋە ئىراقنىڭ باشقا جايلىرىدا سايلام ئۆتكۈزۈلمەكچى. بىراق، مۇسۇلدا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا قوماندانى، گېنېرال خامۇدۇن ب ب س رادىئو تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ مۇخبىرىغا "ھازىرقى شارائىتتىن قارىغاندا مۇسۇل ۋە شۇنىڭدەك باشقا رايونلاردا سايلام ئۈچۈن بېلەت تاشلاش ئەسلا مۇمكىن ئەمەستەك قىلىدۇ" دېگەن.
ئۇ سۆزىدە يەنە "قارشىلىق كۆرسەتكۈچى كۈچلەر مۇسۇلدىكى ساقچى ئىدارىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، ساقچى قىسىملىرىنى پارچىلاش بىلەن بىرگە قارشىلىق كۆرسەتكۈچى كۈچلەرنى تارمار قىلىش ستراتىگىيىسىنىمۇ ئېغىر دەرىجىدە بۇزدى" دەپ كۆرسەتتى.
جون يۇقىرىقى سۆزلەرنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، ۋەزىيەتنىڭ ياخشىلىنىپ كېتىشىگە ئىشەنچىسى بارلىقىنى، ئەگەر مۇسۇلدا سايلام ئېلىپ بېرىلمىسا، ئىراقنىڭ باشقا جايلىرىدا سايلام ئېلىپ بېرىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئامېرىكىنىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق قوشۇنلىرىمۇ، ئىراقتا سايلام ئېلىپ بېرىش شارائىتىنى ھازىرلاش ئۈچۈن، قالايمىقانچىلىق يۈز بېرىۋاتقان رايونلاردا قارشىلىق كۆرسەتكۈچى كۈچلەرنى تارمار قىلىش ھەرىكىتىنى تېزلەتمەكتە. (ئەقىدە)