ئىراقتا قارشىلاشقۇچى كۈچلەر ھۇجۇملىرىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ. يەكشەنبە كۈنىنىڭ ئۆزىدىلا ئىراقنىڭ تىكرىت شەھىرىدە ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرىغا خىزمەت قىلىدىغان 17 نەپەر ئىراقلىق ئۆلتۈرۈلدى. قارشىلاشقۇچى كۈچلەر تەرىپىدىن ئۆتكەن ئۈچ كۈن ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇملاردا 100 گە يىقىن كىشى ئۆلگەن. ئۆلتۈرۈلگەنلار ئارىسىدا ئۈچ ئامېرىكا ئەسكىرىمۇ بار.
ئىراقتا توقۇنۇشلارنىڭ ئۈزلۈكسىز داۋاملىشۋاتقانلىقىغا قارىماي، ئىراقنىڭ ۋاقىتلىق پرېزىدېنتى غازى ئەلياۋەر ئىراقتا 30 - يانۋار كۈنى ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغان سايلامنى كېچىكتۈرۈشنى رەت قىلدى.
غازى ئەلياۋەر دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش بىلەن ئۇچىرىشىشىنىڭ ھارپىسىدا ۋاشىنگتوندا ن ب س تېلېۋىزىيىسىدە بەرگەن باياناتىدا، 30 - يانۋار كۈنى ئۆتكۈزۈلىشى پىلانلانغان سايلامنى كېچىكتۈرۈش ئىراقتىكى قارشىلاشقۇچى كۈچلەر ئۈچۈن چوڭ بىر زەپەر ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز بۇ سايلامنىڭ ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى شۇنداقلا دۇنيا جامائەتچىلىكىدىن بىزگە ياردەم قىلىشىنى سورايمىز دېدى. ئىراق پرېزىدېنتى غازى ئەلياۋەر چارشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندا ئامېرىكا پرېزىدېنتى جۇرج بۇش بىلەن ئۇچرىشىدۇ.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سايلام جەريانىدا بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئىراققا قوشۇمچە 12000 ئەسكەر ئەۋەتىپ، ئىراقتا مەۋجۇت ئەسكەرلىرىنىڭ سانىنى 138 مىڭدىن 150 مىڭ كىشىگە يەتكۈزۈشنى قارار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. (قانات)