"خىمىيىلىك ئەلى" ئۇرۇش جىنايەتچىلەر سوت مەھكىمىسىدە سوتلىنىدۇ


2004.12.15

ئىراق ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتى، ئەلى ھاسان ئەل-مەجىدنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سابىق ئىراق پرېزىدېنتى سادام ھۈسەيىننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ياردەمچىلىرى، ئىراق ئۇرۇش جىنايەتچىلەر سوت مەھكىمىسىگە چىقىرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئىراق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ھازىم ئەل- شالان، سوتنىڭ ئالدىمىزدىكى ھەپتە ئىچىدە باشلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان . ئەل ئىچىدە "خىمىيىچى ئەلى" دىگەن نام بىلەن تونۇلغان ئەلى ھاسان ئەل-مەجىد، سابىر ئىراق رەھبىرى سادام ھۈسەيىننىڭ تاغىسى شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىشەنچلىك ياردەمچىسى بولغان. ئەلى ھاسان ئەل- مەجىد، 1988 - يىلى شىمالى ئىراقنىڭ ھەلەپچە رايونىدىكى كۈردلەرنىڭ ئىسيانىنى باستۇرۇش ھەرىكىتىدە، خىمىيىلىك قوراللار ئىشلىتىش بىلەن ئەيىبلەنگەن. شۇ قېتىمقى ۋەقەدە 5000 كۈرد پۇقراسى ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى. ھازىم ئەل شالان، جاۋابكارلارغا ئادۋۇكاتلار ئارقىلىق ئۆزىنى ئاقلاش ھەققى بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بىراق ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئادۋۇكاتلار ۋاكالەتچىلىرى ئامېرىكا ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى سوت مەھكىمىسىنىڭ قانۇنىيلىقىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەلقئارا قانۇنچىلار، سادام ھۈسەيىننىڭ ياردەمچىلىرىنى ھازىرقى ۋەزىيەت ئاستىدا سوت قىلىش، سوتنىڭ ئادىل ھۆكۈم چىرىقىشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ، دەپ قارىغان.

چارشەنبە كۈنى مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بايانات ئېلان قىلىپ، "ئېتنىك قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ جاۋاپكارلىقىدىن قېچىپ قۇتۇلۇش دەۋرى ئاخىرلىشىۋاتىدۇ،"دەپ كۆرسەتتى. ئۇ يەنە بارىن ئىسيانى، خوتەن ۋەقەسى ۋە غۇلجا قىرغىنچىلىقىدا نامايىشچىلارنى ئۆلتۈرگەن ئەمەلدارلارنىڭ جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش دەۋرى كېلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.