ئىراقنىڭ موسۇل شەھىرىدە چەتئەل پۇقرالىرى ئۆلتۈرۈلدى

جۈمە كۈنى ئىراقنىڭ موسۇل شەھىرىدە قوراللىق كىشىلەر بىر ماشىنىغا ھۇجۇم قىلىپ، ماشىنىدىكى ئۈچ چەتئەللىكنى ۋە شوپۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈردى. كۈپ-كۈندۈزدە يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە جەريانىدا ھۇجۇم قىلغۇچىلار قۇربانلاردىن بىرىنىڭ بىشىنى كېسىپ تاشلىغان. موسۇل شەھىرىدە ئۆلتۈرۈلگەن چەتئەللىكلەرنىڭ قايسى دۆلەتنىڭ پۇقرالىرى ئىكەنلىكى تېخى ئىنقلانمىدى.

ئىراقنىڭ شىمالىي رايونىغا، تۈركىيە چېگرىسى يىقىنغا جايلاشقان موسۇل شەھىرى يىقىندىن بىرى ئىراقتىكى قارشىلاشقۇچى كۈچلەرنىڭ قانلىق ھۇجۇملىرىغا شاھىد بولماقتا.

بۇ ئارىدا ئىراقتىكى ئامېرىكا ھەربىي خادىملىرى، ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ ئالتە ھەپتە بۇرۇن باشلىغان ھۇجۇمى جەريانىدا فاللۇجاھ شەھرىدىن قىچىپ چىقىپ، ھازىر شەھەر سىرتىدا چىدىرلاردا ياشاۋاتقان فاللۇجاھ ئاھالىسىنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئۆيلىرىگە قايتىشىغا رۇخسەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

گەرچە فاللۇجاھ شەھىرىنىڭ ئاساسلىق رايونى ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ كونتروللىقىدا بولسىمۇ، شەھەرنىڭ بەزى رايونلىرىدا توقۇنۇشلار ھېلىمۇ داۋاملاشماقتا. ئامېرىكا قىسىملىرى 30 يانۋاردىن بۇرۇن يەنى ئىراقتا ئۆتكۈزۈلىشى پىلانلانغان پارلامىنت سايلىمىدىن بۇرۇن شەھەرنى پۈتۈنلەي ئۆز كونتروللىقىغا ئېلىشنى مەقسەت قىلغان ھالدا پائالىيەت ئېلىپ بىرىۋاتىدۇ. (قانات)