ئىراقتىكى بىر يۈرۈش پارتلاشلاردا 40 تىن ئارتۇق ئادەم ئۆلدى


2004.12.19

ئىراقتا يەكشەنبە كۈنى قارشىلاشقۇچى كۈچلەر قوزغىغان بىر يۈرۈش ھۇجۇملاردا 40 تىن ئارتۇق ئادەم ئۆلدى.

يەرلىك دوختۇرخانا خادىملىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ناجەف شەھىرىدىكى ھەرزىتى ئىمامئەلى مەسچىتىنىڭ يېنىدا دەھشەتلىك پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 30 ئادەم ئۆلگەن.

شۇنىڭ بىلەن بىر كۈندە يەنە، كەربالا شەھىرىدىكى بىر ئاساسلىق قاتناش بىكىتىنىڭ يېنىدا يۈز بەرگەن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىق ماشىنا پارتلىتىش ۋەقەسىدە، ئاز دېگەندە 12 ئادەم ئۆلۈپ، 30 تىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۆلگەنلەرنىڭ ھەممىسى پۇقرالار ئىكەن.

باغدات شەھىرىنىڭ مەركىزىدە بولسا، قارشىلاشقۇچى كۈچلەر ئىراق سايلام كومىتېتىنىڭ ئۈچ نەپەر ئەزاسىنى ماشىنىسىدىن تارتىپ چىقىرىپ، ئۇلارنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن.

بۇنىڭدىن سىرت، بىر قىسىم رادىكال ئۇنسۇرلار، ئەگەر ئامېرىكا شىركەتلىرى ئىراقتىكى سودىسىنى ئاياقلاشتۇرۇپ، ئىراقتىن چىقىپ كەتمىسە، مەزكۈر شىركەتلەرنىڭ ئۆزلىرى گۆرۈگە ئېلىۋالغان 10 نەپەر ئىراقلىق خىزمەتچىلىرىنى ئۆلتۈرىۋېتىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىد سالغان. ئەرەپ تىلىدىكى بىر تېلېۋىزور ئىستانسىسى مەزكۈر گۆرۈگە ئېلىنغانلار تارتىلغان سىنئالغۇ لېنتىسىنى قويغان.

ئىراقتىكى ھەر خىل زوراۋانلىق ھەرىكەتلەر ئومۇمىي سايلامنىڭ يېقىنلىشىشى بىلەن ئەۋج ئېلىۋاتقان بولۇپ، ئانالىزچىلار، گەرچە ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قىسىم تەدبىرلەرنى ئالغان بولسىمۇ، بىراق بۇ خىل ھۇجۇملاردىن ساقلىنالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.