ئىراق دائىرىلىرى يەكشەنبە كۈنىدىكى پارتلاشلار سەۋەبىدىن 50 كىشىنى قولغا ئالدى
2004.12.20
ئىراق بىخەتەرلىك خادىملىرى، يەكشەنبە كۈنى شىيە مۇسۇلمانلىرى ئولتۇراقلاشقان ناجېف ۋە كەربالا شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلىتىش ۋەقەلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارالغان 50 نەپەر گۇمانلىق كىشىنى قولغا ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىراقتىكى شىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ مۇقەددەس جايى ھىسابلانغان ناجېف ۋە كەربالا شەھىرى يەكشەنبە كۈنى ئارقا- ئارقىدىن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك ھوجۇمغا ئۇچرىغان. ۋەقەلەردە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئىشىپ، نۆۋەتتە 66 گە يەتتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە 52 ئادەم ناجېف شەھىرىدىكى پارتلاشتا، 14 ئادەم كەربالا شەھىرىدىكى پارتلاشتا ئۆلگەن.
ئىراق دائىرىلىرى پارتلاشلارنىڭ سۈننى مەزھىپىدىكى رادىكال ئۇنسۇرلارنىڭ كىلەر يىلى 1 - ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئومۇمىي سايلامغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەرىكەتلىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
ئىراقتىكى شىيە مۇسۇلمانلىرىنىڭ رەھبىرى دۈشەنبە كۈنى مۇرىتلىرىنى ئۆزىنى تۇتىۋېلىشقا چاقىرىپ، ئومومىي سايلامنىڭ ھارپىسىدا ۋەزىيەتنى جىددىلەشتۈرمەسلىكنى تەلەپ قىلدى، شۇنداقلا شىيە مۇسۇلمانلىرىنى پۈتۈن كۈچىنى سايلامغا مەركەزلەشتۈرۈشكە چاقىردى. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئىراقتىكى بىر يۈرۈش پارتلاشلاردا 40 تىن ئارتۇق ئادەم ئۆلدى
- ئىراقنىڭ موسۇل شەھىرىدە چەتئەل پۇقرالىرى ئۆلتۈرۈلدى
- "خىمىيىلىك ئەلى" ئۇرۇش جىنايەتچىلەر سوت مەھكىمىسىدە سوتلىنىدۇ
- باغداتتىكى پارتلاشتا 13 كىشى قازا قىلدى
- ش ئا ئو ئە ت (NATO) ئىراقتىكى خادىملىرىنى كۆپەيتىشكە قوشۇلدى
- ئىراق پرېزىدېنتى سايلامنى كېچىكتۈرۈشنى رەت قىلدى
- باغداتتىكى پارتلاش ۋەقەلىرىدە 26 ئادەم ئۆلدى
- ئىراقتىكى قالايمىقانچىلىق سەۋەبىدىن، سايلام ئۆتكۈزۈش قىيىنغا توختىشى مۇمكىن
- ئىراقتا يۈز بەرگەن پارتلاشلاردا يەنە ئون كىشى ئۆلدى
- ئىراق ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى سايلامنى كېچىكتۈرۈشنى رەت قىلدى