ئىراق ساقچى ئىدارىسى ھۇجۇمغا ئۇچىراپ، 27 ئادەم قازا قىلدى


2004.12.28

باغداتنىڭ شىمالىدىكى سۈننىي مۇسۇلمانلىرى جايلاشقان تىكرىت شەھىرىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ساقچى ئىدارىسى، 29 - دېكابىر كۈنى قوراللىق قىسىملارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، 27 ئادەمنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ قېتىمقى ھۇجۇم تەشكىللىك ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ساقچى ئىدارىسىنىڭ 12 نەپەر ساقچىسى ئۆلتۈرۈلگەن ۋە بۇنىڭدىن باشقا ساقچى ئىدارىسىغا يېقىن ساقچى پونكىتىنىڭ 5 نەپەر ساقچىسى ئۆلتۈرۈلگەن.

بۇ ئارىدا، ئىراقنىڭ سامارا شەھىرىدىكى ساقچى ئىدارىسىمۇ ئوخشاشلا قوراللىق قىسىملارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، 4 نەپەر ساقچى ۋە خەلق قوغدىغۇچى ئەترىتىنىڭ 4 نەپەر ئەزاسى شۇنىڭدەك ئۈچ نەپەر پۇقرا ئۆلتۈرۈلگەن، بىراق ھۇجۇمچىلار ئاساسلىق ئۆلتۈرۈش نىشانى قىلغان گېنېرال مۇرا ساق قالغان.

ئىراقنىڭ ئىچكى ۋەزىيىتى يەنىلا ئىنتايىن قالايمىقان بولۇپ، ئىراقتا پات ئارىدا ئېلىپ بېرىلماقچى بولغان سايلامنىڭ تېنچ ئۆتكۈزۈلۈشى كىشىلەرنى ئەندىشلەندۈرمەكتە. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.