ئامېرىكا ئارمىيىسى مۇسۇلدا ئىراق پىدائىيلىرى بىلەن قاتتىق توقۇنۇشتى
2004.12.30
ئامېرىكا ئارمىيىسى ئىراق قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچلىرى بىلەن مۇسۇل شەھىرىدە قاتتىق توقۇنۇشتى. ئامېرىكا دائىرىلىرى توقۇنۇشتا 25 نەپەر قوراللىق پىدائىينى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى ، ئامېرىكا تەرەپتىن بولسا، بىر ئادەمنىڭ ئۆلۈپ، 15 ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو - تېلۋېزىيىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىراقتىكى قارشىلىق كۆرسەتكۈچى كۈچلەر چارشەنبە كۈنى مۇسۇلدىكى ئامېرىكا ئارمىيە بازىسىنى پارتلاتقان ھەمدە نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە ئوق چىقارغان. بۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپ قاتتىق توقۇنۇشقان. ئامېرىكا ئارمىيىسى ئارقىدىن ئايرۇپىلانلارنى ياردەمگە چاقىرىپ، ھاۋا بوشلۇقىدىن قارشىلىق كۆرسەتكۈچى كۈچلەرنى بومباردىمان قىلغان.
بۇنىڭ ئالدىدا، باغداتنىڭ غەربىدىكى ئائىلىلىكلەر رايۇنىدىمۇ چوڭ پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 29 ئادەم ئۆلگەن ئىدى. نۆۋەتتە ئىراقتىكى زوراۋانلىق توقۇنۇشلارنىڭ ئەۋج ئېلىشى بىلەن كىشىلەر، ئىراقتا كىلەر يىلى 1 - ئاينىڭ ئاخىرى ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ئومومىي سايلامنىڭ ۋاقتىدا ئۆتكۈزىلىشىگە گۇمان بىلەن قارىماقتا. ئىراقتىكى بىر قىسىم قارشىلاشقۇچى تەشكىلاتلارئىراق خەلقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر كىمكى ئومومىي سايلامغا قاتناشسا، ئۇنى ئۆلتۈرىۋېتىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىد سالغان. ئىراق ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى بولسا،ئىراقتىكى زوراۋانلىق توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن سايلامنى كىچكتۈرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئىراق ساقچى ئىدارىسى ھۇجۇمغا ئۇچىراپ، 27 ئادەم قازا قىلدى
- دونالد رامسفىلد ئىراقنى زىيارەت قىلدى
- ئىراق دائىرىلىرى يەكشەنبە كۈنىدىكى پارتلاشلار سەۋەبىدىن 50 كىشىنى قولغا ئالدى
- ئىراقتىكى بىر يۈرۈش پارتلاشلاردا 40 تىن ئارتۇق ئادەم ئۆلدى
- ئىراقنىڭ موسۇل شەھىرىدە چەتئەل پۇقرالىرى ئۆلتۈرۈلدى
- "خىمىيىلىك ئەلى" ئۇرۇش جىنايەتچىلەر سوت مەھكىمىسىدە سوتلىنىدۇ
- باغداتتىكى پارتلاشتا 13 كىشى قازا قىلدى