ئىراقتىكى ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىق پارتلاشتا 19 ئادەم ئۆلدى
2005.01.02
يەكشەنبە كۈنى باغداتنىڭ شىمالىي قىسمىدا يۈز بەرگەن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىق پارتلاش ۋەقەسىدە ئاز دىگەندە 19 ئادەم ئۆلدى. ۋەقە، ئىچىگە لىق بومبا قاچىلانغان كىچىك ئاپتوموبىلنىڭ ئىراق ئامانلىق قوغداش ئەترىتىنىڭ ئەسكەرلىرىنى ئېلىپ ماڭغان ماشىنىنىڭ يېنىدا پارتلىشىدىن كېلىپ چىققان. ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو- تېلۋېزىيىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پارتلاشتا ئۆلگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئىراق ئامانلىق قوغداش ئەترىتىنىڭ ئەسكەرلىرى ئىكەن.
ئىراق ھۆكۈمىتى، ئىراقتىكى قارشىلىق كۆرسەتكۈچى تەشكىلاتلارنىڭ ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىلا ئەمەس، بارغانسىرى ئىراق ئامانلىق قوغداش ئەترىتىنىڭ ئەسكەرلىرى ۋە ئىراق ساقچىلىرىنى ھوجۇم نىشانى قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇنىڭ ئالدىدىلا، ئىراقتىكى بىر قارشىلىق كۆرسەتكۈچى تەشكىلات، گۆرۈگە ئېلىنغان بەش نەپەر ئىراق ئامانلىق قوغداش ئەسكىرىنى كوچىدا سازايى قىلىپ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى تارتىلغان سىنئالغۇ لېنتىسىنى تارقاتقان ئىدى. ئانالىزچىلار، قارشىلىق كۆرسەتكۈچى كۈچلەرنىڭ بۇ ھوجۇملىرىنىڭ ئىراق پۇقرالىرىنى قۇرقۇتۇپ، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ قوراللىق سېپىغا قاتنىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.(ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا ئارمىيىسى مۇسۇلدا ئىراق پىدائىيلىرى بىلەن قاتتىق توقۇنۇشتى
- ئىراق ساقچى ئىدارىسى ھۇجۇمغا ئۇچىراپ، 27 ئادەم قازا قىلدى
- دونالد رامسفىلد ئىراقنى زىيارەت قىلدى
- ئىراق دائىرىلىرى يەكشەنبە كۈنىدىكى پارتلاشلار سەۋەبىدىن 50 كىشىنى قولغا ئالدى
- ئىراقتىكى بىر يۈرۈش پارتلاشلاردا 40 تىن ئارتۇق ئادەم ئۆلدى
- ئىراقنىڭ موسۇل شەھىرىدە چەتئەل پۇقرالىرى ئۆلتۈرۈلدى
- "خىمىيىلىك ئەلى" ئۇرۇش جىنايەتچىلەر سوت مەھكىمىسىدە سوتلىنىدۇ
- باغداتتىكى پارتلاشتا 13 كىشى قازا قىلدى
- ش ئا ئو ئە ت (NATO) ئىراقتىكى خادىملىرىنى كۆپەيتىشكە قوشۇلدى