ئىراقتا يەنە بومبا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى


2005.01.03

ئىراق باش مىنىستىرى ئىياد ئالاۋىنىڭ پارتىيە شىتابىغا يېقىن جايدا، دۈشەنبە كۈنى ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتىرلىك پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئىككى ئىراق ساقچىسى بىلەن بىر پۇقرا ئۆلدى.

دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەندە يۈز بەرگەن باغداتتىكى پارتلاش ۋەقەسىدە، ئاز دېگەندە 20 كىشى يارىلانغان. ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى كولىن پوۋېلل، 30 - يانۋاردا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئىراقدىكى سايلامدا تېخىمۇ كۆپ زوراۋانلىق ۋەقەلىرى يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. ماشىنىغا قاچىلانغان بومبا، ئىياد ئالاۋىنىڭ پارتىيە ئىشخانىسى ئەتراپىدىكى قاراۋۇللۇق پونكىتىدىن ئۆتۈشكە ئۇرۇنغاندا پارتلىغان. ۋەقە يۈز بەرگەندە ئىياد ئالاۋىنىڭ ئىشخانىسىدا يوقلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. بۇنىڭ سەل ئالدىدا يەكشەنبە كۈنى باغداتنىڭ شىمالىدىكى پارتلاش ۋەقەسىدە 23 ئادەم ئۆلگەن.

ئىراقتىكى قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچلىرى، 30 - يانۋاردىكى ئومۇمى سايلامنى ئۆتكۈزمەسلىككە پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشماقتا. ئىراقتىكى ئەڭ چوڭ سۈنئى پارتىيە ئىراق ئىسلام پارتىيىسى، سايلامنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرغان. بىراق ئىراق نۇپۇسىنىڭ٪ 60 ئىگىللەيدىغان شىئەلەر، سايلام ئېلىپ بېرىشنى قوللاۋاتىدۇ. بىخەتەرلىك مەسىلىسى ئامېرىكىنى ئىراققا تېخىمۇ كۆپ ئەسكەر ئەۋەتىشكە مەجبۇر قىلماقتا. ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش، سايلامنىڭ ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، سايلامنى كېچىكتۈرۈش ھەققىدىكى تەلەپلەرنى رەت قىلدى. ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرى، ئىراقتىكى 130 مىڭ كىشىلىك ئەسكىرىنىڭ سانىنى 150 مىڭغا كۆپەيتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.