ئىراقتا 3 -يانۋار يۈز بەرگەن پارتلاش ھادىسىلىرىدە 20 نەچچە ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان بولۇپ، پارتلاشتا ئۈچ ئەنگلىيىلىك ۋە بىر ئامېرىكىلىقمۇ قازا قىلغان.
ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پارتلاشتا ئۆلگەن بۇ تۆت كىشى، باغدات شەھىرىنىڭ مەركىزىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىدا يۈز بەرگەن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك بىر پارتىلاشتا ھاياتىدىن ئايرىلغان.
نۆۋەتتە، ئالاقىدار ئورۇنلار ئۈچ نەپەر ئەنگلىيىلىك ۋە بىر ئامېرىكىلىقنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرىنى سۈرۈشتە قىلماقتا.
كۈزەتكۈچىلەر، 1 -ئاينىڭ 30 - كۈنى ئىراقتا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان سايلام ھارپىسىدا، زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈندىن - كۈنگە ئەۋج ئېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
ئىراق ئىچكى ئاخبارات رازۋېتكا ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى ساۋانى، فرانسىيە ئاگېنتلىقىغا، قارشىلىق كۆرسەتكۈچى كۈچلەر سانىنىڭ نۆۋەتتە ئامېرىكا ئارمىيىسى سانىدىنمۇ كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ مۆلچەرلىشىچە، قارشىلىق كۆرسەتكۈچى كۈچلەرنىڭ غوللۇق ئەزالىرىنىڭ سانى 40 مىڭدىن 200 مىڭغا يېتىدىكەن. (ئەقىدە)