ئىراقتا ئېلىپ بېرىلىدىغان سايلامغا ئۈچ ھەپتە قالغان پەيتتە، ئىراقتىكى ئامېرىكىغا قارشى قوراللىق كۈچلەر، ئىراقنىڭ ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى، ئىراق بىخەتەرلىك كۈچلىرى شۇنىڭدەك بېلەت تاشلاش پونكىتلىرىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىنى كۈچەيتتى.
ئىراقتىكى قارشىلىق كۆرسەتكۈچى كۈچلەرنىڭ ھۇجۇمىدا، دۈشەنبە كۈنى باغدات ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى ۋە شۇ كۈنى يەنە باغداتتا يۈز بەرگەن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇمدا ئاز دېگەندە 8 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.
ئامېرىكا قوشۇنلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سەيشەنبە كۈنى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى تىكرىت شەھىرىدە ئاپتوموبىلغا قاچىلانغان بومبا پارتلاپ، 6 نەپەر ئىراق ساقچىسى قازا قىلغان. بۇ ئارىدا يەنە باغداتنىڭ جەنۇبىدا 7 ئادەم ئۆلگەن. (ئەقىدە)