30 - يانۋار كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىراقتىكى ئومۇمىي سايلامنىڭ يېقىنلىشىشى بىلەن، قارشىلاشقۇچى كۈچلەرنىڭ ھۇجۇملىرى ئەۋج ئالدى.
رويتىرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بىر نەپەر قوراللىق كىشى دۈشەنبە كۈنى ئىراق ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقى ئىياد ئالاۋىينىڭ ئىشخانىسى ئەتراپىدىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلاش ۋەقەسى سادىر قىلىپ، نەق مەيداندا 10 كىشىنى يارىلاندۇرغان. يارىلانغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ساقچىلار ئىكەن. ئىراق ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەندە ئىياد ئالاۋىيى ئىشخانىدا ئەمەس ئىكەن.
خەۋەرگە قارىغاندا، ئىراقتىكى قارشىلاشقۇچى كۈچلەرنىڭ رەھبىرى ئەل زەرقاۋىي باشچىلىقىدىكى تەشكىلات، ۋەقەنىڭ ئۆزلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىراق ھۆكۈمىتى ئەل زەرقاۋىينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ياردەمچىسى ئابۇ ئۆمەر ئەل كۇردىنى قولغا ئالغانلىقىنى ئېلان قىلدى ھەمدە ئۇنىڭ ئىراقتىكى 32 قېتىملىق پارتلىتىش ۋەقەسىگە مەسئول ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. بۇنىڭ ئالدىدا، ئەل - زەرقاۋىي ئۈنئالغۇ لېنتىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، ئىراقتا پات ئارىدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ئومومىي سايلامغا قەتئىي توسقۇنلۇق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكىنىڭ ئىراقتا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى نۆۋەتتە ئىراقتا ئېغىر بىخەتەرلىك مەسىلىلىرىنىڭ مەۋجۈتلىكىنى ئىتىراپ قىلدى. ئەمما ئۇ يەنە، ھەر بىر ئىراقلىقنىڭ بىلەت تاشلىيالىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئەڭ چوڭ تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (ئارزۇ)