ئىراق ساقچىلىرىنىڭ سەيشەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، باغداتنىڭ شەرقىدە بىر سوتچى خىزمەتكە كېتىۋاتقان يول ئۈستىدە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. ساقچىلار يەنە، سوتچىنى قارىغا ئېلىش جەريانىدا يول ئۈستىدە يەنە بىر كىشىنىڭمۇ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى قەيت قىلغان.
يېقىندىن بېرى ئىراقتا، بىر قاتار يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت خادىملىرى ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ، زاركاۋېي باشچىلىقىدىكى بىر توپ قارشىلىق كۆرسەتكۈچى كۈچلەر 1 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ئىراقتا ئېلىپ بېرىلماقچى بولغان سايلامدا زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا.
ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو- تېلېۋىزىيە شىركىتى دۈشەنبە كۈنى، زاركاۋېينىڭ تېرورلۇق تەشكىلاتىنىڭ، ئىراق مىنىستىرى ئالېۋېينىڭ باغداتتىكى ئىشخانىسى ئەتراپىدا پارتلىتىش ۋەقەسى ئۇيۇشتۇرۇپ، 10 ئادەمنى يارىلاندۇرغانلىقىنى ۋە بىر نەپەر ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى. دەل شۇ كۈنى ئىراق ھۆكۈمىتى زاركاۋېينىڭ ئەڭ چوڭ ياردەمچىسىنى قولغا ئالغان، ئۇ باغداتتا ئېلىپ بېرىلغان 10 نەچچە قېتىملىق پارتلاشقا رىياسەتچىلىك قىلغانلىقىنى ئىقرار قىلدى . (ئەقىدە)