چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئىراقلىقلار، ئىراقتىكى سايلامدىن ئىككى كۈن بۇرۇن بىلەت تاشلاشقا باشلىدى

0:00 / 0:00

تۈركىيىدە ياشاۋاتقان ئىراقلىقلار بۈگۈن ئەتىگەن سائەت يەتتىدىن باشلاپ ئىستانبۇل ۋە ئەنقەرە شەھەرلىرىدە قۇرۇلغان سايلام نۇقتىلىرىدا بىلەت تاشلاشقا باشلىدى.

سايلىغۇچىلارنىڭ توققۇز كۈنلۈك تىزىمغا ئالدۇرۇش مۆھلىتى جەريانىدا تۈركىيىدە 4187 ئىراقلىق تىزىمغا ئالدۇرغان. سايلىغۇچىلارغا ئەرەبچە ۋە كۇردچە تىللاردا بېسىلغان سايلام بىلەتلىرى تارقىتىلغان بولۇپ، خالىغان كىشىلەرگە قانداق بىلەت تاشلاش ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىلمەكتە.

بۇنىڭ تەپسىلاتىنى تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ.