ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى ئىراق سايلىمىنى تەبرىكلىدى

دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرى دۈشەنبە كۈنى ئىراق سايلىمىنى ماختاپ، بۇ قېتىملىق سايلامنىڭ، دېموكراتىيە، ئەركىنلىك ۋە ئىراق خەلقىنىڭ غەلىبىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج ۋ بۇش، يەكشەنبە كۈنىدىكى سايلامنىڭ زور غەلىبە قازانغانلىقىنى ۋە ئىراق خەلقىنىڭ ئاخىرى قانۇنلۇق ھالدا ئۆز دۆلىتىنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەشكە مۇيەسسەر بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا باشچىلىغىدىكى ئىراق ئۇرۇشىنى يېقىندىن قوللاپ كەلگەن، ئەنگلىيە باش مىنىستىرى تونى بلېر ھەتتا بۇ كۈننى " غەلىبە كۈنى" دەپ سۈپەتلىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىۋى كوفى ئاننان پۈتۈن دۇنيانىڭ، ئىراق خەلقىنى ھەقىقىي تۈردە ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسىگە ئۆزلىرى ئىگە بولۇشقا تېخىمۇ رىغبەتلەندۈرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكىنىڭ ئىراق ئۇرۇشىغا قارشى تۇرۇپ كەلگەن ئاساسلىق دۆلەتلەر قاتارىدا رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن فرانسىيە پرېزىدېنتى جەك شىراك بۇ قېتىملىق ئىراق سايلىمىنى " توغرا يولغا قاراپ بېسىلغان مۇھىم بىر قەدەم " دەپ كۆرسەتتى.

رۇسىيە بىلەن فرانسىيە قاتارىدا ئىراق ئۇرۇشىغا قارشى تۇرغان گېرمانىيىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جوشىكا فىشېرمۇ " ئىراق خەلقىنىڭ، دۆلەت ئىچىدىكى تۈرلۈك تەھدىتلەرگە قارىماستىن، ئۆز دۆلىتىنىڭ تىنچ ۋە دىموكراتىك كەلگۈسىنى بەرپا قىلىش يولىدا كۆرسەتكەن ئىرادىسى ھەممە ئېتىراپ قىلىشقا ئەرزىيدىغان يۈكسەك بىر ئىش" دەپ بىلدۈردى.

شۇنىڭ بىلەن بىللە خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ، بۇ سايلامنىڭ ئۇرۇش ئازاپلىرىنى تارتقان ئىراق خەلقىغە مۇقىملىق ئېلىپ كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.(پەرىدە)