ئىراقنىڭ ئەسكەر قوبۇل قىلىش مەركىزىدە پارتلاش يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 14 ئادەم ئۆلدى

سەيشەنبە كۈنى، باغداتتىكى ئەسكەر قوبۇل قىلىش مەركىزىدە پارتلاش يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 14 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى ۋە 10 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى.

ئامېرىكا ئارمىيىسى باياناتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پارتلاشتا قازا قىلغانلارنىڭ كۆپىنچىسى يېڭى قوبۇل قىلىنغان ئەسكەرلەر بولۇپ، ئۆلگەنلەر سانى يەنە كۆپىيىشى مۇمكىن ئىكەن.

مۇناسىۋەتلىك خادىملارنىڭ ئېيتىشىچە ، مەزكۇر پارتلاش ۋەقەلىرى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇمدىن كېلىپ چىققان. بۇ ئارىدا ئىراقنىڭ باققۇبا ۋە مۇسۇل شەھەرلىرىدە ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋىلىش خاراكتېرلىك پارتلاشلار يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 27 ئادەم قازا قىلغان، پارتلاشتا ئۆلگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئىراق ساقچىلىرى ئىكەن.

سەيشەنبە كۈنى باغداتتا يەنە، ئىراق دېموكراتىيە پارتىيىسى باش كاتىپىنىڭ ئىككى ئوغلى ۋە ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. (ئەقىدە)