دونالد رامسفىلد ئىراقتىكى ئامېرىكا قىسىملىرىنى زىيارەت قىلدى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دونالد رامسفىلد، جۈمە كۈنى ئەتىگەندە شىمالىي ئىراقنى تۇيۇقسىز زىيارەت قىلىپ، موسۇلدىكى ئامېرىكا قوشۇنلىرىنى شۇنداقلا ئىراق قىسىملىرىنى كۈزدىن كەچۈردى. رامسفىلد، ئىراق قىسىملىرىنىڭ قوماندانلىرىدىن 30 - يانۋاردىكى سايلام توغرىسىدا مەلۇمات ئالغان شۇنداقلا ئىراقنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازانغان بىر دۆلەت بولۇشىنى ئۈمىد قىلغان.

ئۇ، موسۇلدىكى بىر دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقان ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنى يوقلىدى. رامسفىلد، موسۇلدىكى ئامېرىكىلىق قوماندانلار بىلەن ئىراقتىكى قوراللىق پىدائىلارنىڭ ئىسيانىنى باستۇرۇش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان. ئۇ، ئىراقنى قوغداش ئىراق ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ ۋەزىپىسى، دەپ تەكىتلىدى. رامسفىلد، مۇسۇل ئايدۇرۇمىدا ئىراقتىكى ئامېرىكا قىسىملىرىنى " ئۇلار ئامېرىكىنىڭ ئىشغالىيەتچىلەر ئەمەس، ئازات قىلغۇچىلار ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى،" دەپ سۆزلىدى .

رامسفىلد ئىراقنى زىيارەت قىلغان كۈنى باغداتنىڭ شەرقىي- شىمالىدا شىئەلەرنىڭ بىر مەسچىتى، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتىرلىك ھۇجۇمغا ئۇچرىدى. پارتلاش نامازخانلار جۈمە نامىزىدىن چىقىۋاتقاندا يۈز بەرگەن. دەسلەپكى مەلۇماتلاردا 13 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى خەۋەر قىلىندى. شۇ كۈنى قوراللىق بىر ئۈنسۈرنىڭ باغداتتىكى بىر ناۋايخانىدا ئۈچرەت تۇرغان كىشىلەرنى ئوققا تۇتۇش ۋەقەسىدە 9 ئادەم ئۆلگەن.

ب ب س خەۋەر قىلىشىچە، رامسفىلد ئىراقنى زىيارەت قىلىشتىن بىر قانچە سائەت ئىلگىرى، 10 نەپەر ئىراق ساقچىسى قوراللار ئۈنسۈرلەر بىلەن بولغان توقۇنۇشتا ئۆلگەن. (ئەركىن)