ئىراق يېڭى پارلامېنتى ئېچىلىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى

50 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم دېموكراتىك ئۇسۇلدا سايلانغان ئىراق پارلامېنتى چارشەنبە كۈنى باغداتتىكى بىخەتەر يېشىل رايوندا رەسمىي ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. بۇ ئارىدا باغداتنىڭ بەزى جايلىرىدا بىر قانچە پارتلاش ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ، بىر نەپەر ئامېرىكا ئەسكىرى ۋە 3 ئىراق ئەسكىرى قازا قىلغان.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىراقتىكى ئومۇمىي سايلام ئاخىرلاشقىنىغا 2 ئايدەك بولۇپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما ھەر قايسى سىياسىي گورۇھلار يېڭى ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ تەشكىللىنىشىدە تېخى بىر قارارغا كەلمىگەن.

سايلامدا، شىيە مۇسۇلمانلىرىدىن تەشكىللەنگەن ئىراق ئىتتىپاق ئۇيۇشمىسى كۇردلارنىڭ قوللىشى بىلەن پرېزىدېنت كومىتېتىدا 2/3 قىسىم كۆپلۈكنى ئىگىلىگەن بولۇپ، بۇ كومىتېت باش مىنىستىر نامزاتىنى كۆرسىتىدىكەن.

ئىراق يېڭى پارلامېنتى، ئىراقنىڭ يېڭى ئاساسىي قانۇنىنى رەتلەپ چىقىدىغان بولۇپ، يېڭى ئاساسىي قانۇن بۇ يىل 10 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ئومۇمىي سايلام ئارقىلىق بېكىتىلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. (پەرىدە)