ئىراقلىقلار، ئامېرىكا بىرلەشمە قوشۇنىغا نارازىلىق بىلدۈردى

بۈگۈن، نەچچە ئون مىڭلىغان ئىراقلىق باغدات كوچىلىرىغا چىقىپ، ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى بىرلەشمە ئارمىيىنىڭ ئىراقتىن چىقىپ كەتمەي، ھازىرغا قەدەر تۇرىۋاتقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ساددام ھۈسەيىن ئۈستىدىن تېزدىن ھۆكۈم چىقىرىشنى تەلەپ قىلدى.

شىئە مۇرىتلىرىدىن بولغان سادىرنىڭ تەشەببۈسى بىلەن ئەركىنلىك مەيدانىدا تېنچ يوسۇندا ئېلىپ بېرىلغان مەزكۈر نارازىلىق ھەركىتى ، دەل ئىككى يىل بۇرۇن، ساددام ھاكىمىيتى ئاغدۇرۇلغان كۈنگە توغرا كەلگەن بولۇپ، ئۇ چاغدا ئامېرىكا ئەسكەرلىرى بىلەن ئىراق خەلقى بۇ مەيداندا ساددامنىڭ غايەت زور ھەيكىلىنى ئۆرۈپ تاشلىغان ئىدى.

نارازىلىق بىلدۈرگۈرچىلەر، قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئاستىدا، ئامېرىكىغا قارشى شۇئارلىرىنى توۋلاپ، ئىراقتا ئىزچىل تۈردە يۈز بېرىۋاتقان قالايمىقانچىلىقلاردىن رازى ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

ساقچىلارنىڭ بىلدۈرىشىچە، شۇ كۈنى باغداتنىڭ جەنۇبىدا پارتلاش يۈز بېرىپ، 15 ئىراق ئەسكىرى ۋە 4 شوپۇر قازا قىلغان. (ئەقىدە)