ئىراقتا قارشىلىق كۆرسەتكۈچى كۈچلەرنىڭ ھۇجۇملىرى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ئۈچ كۈن ئىچىدە 70 دىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان.
ئىراق دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەكشەنبە كۈنى كوچىدا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان 5 نەپەر ئىراق ساقچىسى قوراللىق كۈچلەر تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچراپ ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئارقىدىنلا باغدادنىڭ جەنۇبىدا ئامېرىكىنىڭ بىر ھەربىي ماشىنىسى پارتلىتىلىپ، 4 ئىراقلىق ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە 12 ئىراقلىق يارىلانغان.
ساددام ھۆكۈمىتى ئاغدۇرۇپ تاشلىنىپ، ئىراقتا تۇنجى قېتىم دېموكراتىك ئۇسۇلدا سايلىنىپ چىققان ھۆكۈمەت ۋەزىپىگە ئۆتكەندىن بېرى ،ئىراقتىكى زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى كۈندىن - كۈنگە كۆپەيمەكتە ئىكەن.
ب ب س رادىئو - تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، جۈمە كۈنىدىن بېرى ، باغدات ۋە باغداتنىڭ ئەتىراپىدىكى رايونلاردا ئۆزىنى ئولتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇملار ۋە پارتلىتىش ھۇجۇملىرىدا ئاز دېگەندە 75 ئادەم قازا قىلغان. (ئەقىدە)