ئىراق ھەربىي بازىسىدا يۈز بەرگەن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلاشتا ئاز دېگەندە 26 كىشى قازا قىلدى

ئىراقنىڭ شىمالىدىكى خالىس ھەربىي بازىسىدا چارشەنبە كۈنى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 26 كىشى قازا قىلدى ۋە 26 سى يارىلاندى.

پارتلاش ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ خالىس ھەربىي بازىسىنىڭ ئاشخانىسىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقە سادىر قىلغۇچى ھەربىي فورما بىلەن بۇ يەرگە كىرىپ، تاكى كىشىلەر تاماققا توپلاشقىچە ساقلاپ تۇرۇپ، ئاندىن ئۆزىنى پارتلاتقان. خالىس ھەربىي بازىسى باغداتنىڭ شىمالىدىن 60 كىلومېتىر يىراقلىققا جايلاشقان.

ئىراقتا مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئىچىدىلا ئارقا-ئارقىدىن پارتلاش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن بولۇپ، سەيشەنبە كۈنى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى كەركۈك شەھىرىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلاش يۈز بېرىپ، ئاز دېگەن 22 كىشى قازا قىلغان ھەمدە يارىلانغانلارنىڭ سانى 80 دىن ئاشقان ئىدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل 4 - ئايدا ئىراق يېڭى ھۆكۈمىتى تەختكە چىققاندىن بۇيان يۈز بەرگەن ھەر خىل ھۇجۇملاردا تەخمىنەن 900 دىن كۆپ كىشى قازا قىلغان. بۇلارنىڭ كۆپۈنچىسى ئىراقلىقلار بولۇپ، قازا قىلغان ئامېرىكا ئەسكەرلىرىمۇ نەچچە ئونغا يەتكەن. (پەرىدە)