رامسفىلد، ئامېرىكىنىڭ ئىراق ئۇرۇشىدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغانلىقىنى رەت قىلدى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دونالد رامسفىلد، ئامېرىكىنىڭ ئىراق ئۇرۇشىدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغانلىقىنى رەت قىلىپ، ئىراقتىكى ئامېرىكا قوشۇنلىرىنى چېكىندۈرۈشنىڭ ۋاقىت جەدۋىلىنى بەلگىلەش خاتا، دەپ كۆرسەتتى.

رامسفىلد، پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىكى ئىسپات بېرىش يىغىنىدا، قوشۇن چېكىندۈرۈشنىڭ ۋاقىت جەدىۋېلى بەلگىلەش " تېرورچىلارغا ھاياتلىق يولى بەرگەنلىك" بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئەمما ئىسپات بېرىش يىغىنىدا ئامېرىكا قوشۇنلىرىنىڭ پارىس قولتۇقى رايونىدىكى قوماندانى جون ئەبۇزەيىد، ئىراقتىكى "تېررورچىلارغا" قېتىلغان چەتئەللىك پىدائىلارنىڭ سانى 6 ئاي ئىلگىرىكىدىن كۆپەيدى، دەپ كۆرسەتتى.

ئىراقتىكى ئامېرىكا قوشۇنلىرى پىدائىلارنىڭ شىددەتلىك قارشىلىقىغا دۇچ كەلمەكتە. ئۆتكەن پەيشەنبە ۋە چارشەنبە كۈنلىرى يۈز بەرگەن باغداتتىكى پارتلاش ۋەقەسىدىلا ئاز دېگەندە 30 ئادەم ئۆلگەن.

گېنېرال ئەبۇزەيىد، تۇنىس، ماراكەش ۋە ئالجىرىيىلىك پىدائىلارنىڭ ئىراققا سۈرىيە ئارقىلىق كىرىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، " سۈرىيە دائىرىلىرىنىڭ پىدائىلارغا قولايلىق يارىتىپ بېرىۋاتقانلىقى ياكى ئۇلارنى كۆرمەسكە سېلىۋاتقانلىقى ئېنىق بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ يەردىكى مەسىلىنىڭ ئاچقۇچى يەنىلا دەمەشق،" دەپ كۆرسەتتى.

رامسفىلد، پىدائىلار زور چىقىمغا ئۇچرىغانلىقىنى شۇنداقلا خەلقنىڭ قوللىشدىن ئايرىلىپ قېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئىراقتىكى ئامېرىكا قوشۇنلىرىنىڭ سانى 135 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، 170 مىڭ ئىراق ئەسكىرى تەربىيىلەنمەكتىكەن. (ئەركىن)