ئىراقتا يەنە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىق پارتلاشلار يۈز بەردى


2005.06.26

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا يەكشەنبە كۈنى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى موسۇل شەھىرىگە يېقىن جايدا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىق پارتلاشلار يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 20دىن كۆپ ئادەم ئۆلگەن.

خەۋەرگە قارىغاندا موسۇلدىكى ئىراق ئارمىيىسىنىڭ ھەربىي بازىسىدا يۈز بەرگەن ۋەقە ئۆزىگە بومبا تاڭغان ئادەم تەرىپىدىن سادىر قىلىنغان بولۇپ، ئۆلگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى پۇقرا ۋە ھەربىي بازىنىڭ خادىملىرى ئىكەن. بۇنىڭدا 15 ئادەم ئۆلگەن.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە شۇ كۈنى يەنە بىر ئادەم موسۇل ئەتراپىدىكى ساقچىخانىنى پارتلىتىۋەتكەن بولۇپ، نەتىجىدە ئالتە نەپەر ئىراق ساقچىسى ئۆلگەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە موسۇل دوختۇرخانىسىدىمۇ پارتلىتىش يۈز بېرىپ، يەنە تۆت ئادەم ئۆلگەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا يەكشەنبە كۈنى يەنە باغداد ۋە كىركۇك قاتارلىق شەھەرلەردىمۇ كىچىكرەك كۆلەمدىكى پارتلاشلار ھەمدە ئىسيانچى قوراللىق گۇرۇھلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇشلار يۈز بېرىپ، بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئىراق ساقچى باشلىقى قوراللىق گۇرۇھلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

ئامېرىكا ھەربىي تەرەپنىڭ مەلۇماتىدىن قارىغاندا، بۇ كۈنلەردە يەنە بىر نەپەر ئامېرىكا ئەسكىرى ئۆلگەن ۋە ئىككى نەپىرى يارىدار بولغان.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش شەنبە كۈنى سۆزلىگەن سۆزىدە ئىسيانچى قوراللىق گۇرۇھلارنى "رەھىمسىز جاللاتلار" دەپ ئاتاش بىلەن، ئۇلارنىڭ ھاياتلىقنى قىلچە قەدىرلىمەيدىغانلىقىنى ئەيىبلىگەن. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.