ئىراقتا پارتلاشلار داۋاملاشماقتا

ئىراقتا ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىق پارتلاشلار داۋاملاشماقتا. شەنبە كۈنى باغداتتىن ئانچە يىراق بولمىغان مۇسايىب شەھىرىدىكى بىر مەسچىت پارتلاپ، ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ 98 كە ،يارىلانغانلارنىڭ 156 كە يەتكەنلىكى "سكي نەۋس" تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى تەرىپىدىن خەۋەر قىلىندى.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، نامەلۇم بىر ئۆزىنى ئۆلتۈرۈپ ھۇجۇم قىلغۇچى ئادەم بېنزىن قاچىلانغان ماشىنىنى ھەيدەپ بۇ شەھەردىكى شىئەلەرنىڭ مەسچىتى ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى كۆك تات بازىرىغا يېتىپ كېلىپ پارتلاتقان ئىكەن. خەۋەرلەرگە قارىغاندا تېخى ھازىرغىچە ھېچ قانداق بىر تەشكىلات بۇ ئىشنىڭ جاۋابكارلىقىنى زىممىسىگە ئالمىغان .

خەۋەرلەرگە قارىغاندا يەكشەنبە كۈنى باغداتتىن 20 كىلومېتىر نېرىدىكى ماخمۇدىيە شەھىرىدە مىنا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئاپتوموبىلنى ھەيدىگەن ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغۇچى ھۇجۇمچى بۇ ماشىنىنى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ ئاپتوموبىلىغا سوقماقچى بولغان. بىراق، ئۇنىڭ بۇ پىلانى ئەمەلگە ئاشماي يولدا كېتىۋاتقان باشقا كىچىك يولۇچىلار ئاپتوبۇسىغا ئۇرۇلۇپ، نەتىجىدە 17 ئادەم قازا قىلغان. شەنبە كۈنى كىركۇك شەھىرىدە بىر نەپەر ئامېرىكا ئەسكىرى مىنا ئۆلگەن

خەۋەرلەرگە قارىغاندا بۇ ھەپتە باغداتتىكى پارتلاشلاردا ئەڭ كۆپ ئادەم ئۆلگەن ھەپتىگە ئايلانغان بولۇپ، بىر ھەپتە ئىچىدە 100 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن. شەنبە كۈنى باغداد شەھىرىدە يەنە توققۇز قېتىم پارتلاش يۈز بېرىپ، كەم دېگەندە 16 ئادەم ئۆلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچ نەپەر ئەنگىلىيە ئەسكىرىمۇ بار ئىكەن. (ئۈمىدۋار)