ئىراقتا ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇمدا 22 ئادەم قازا قىلدى


2005.07.24

ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇم ئېلىپ بارغۇچى بىر كىشى، 24 - ئىيۇل كۈنى بومبا قاچىلانغان ماشىنا بىلەن، باغداتتا تۇرۇشلۇق ساقچى ئىدارىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، 22 ئادەمنىڭ ئۆلۈمىنى، 25 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن.

ئىراق دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، باغداتتا يۈز بەرگەن بۇ خىل ھۇجۇملار نۇرغۇن ساقچى ۋە پۇقرانىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىغا شۇنىڭدەك ئەتراپتىكى ماشىنا، ئۆيلەرنىڭ كۆيۈپ كېتىشىگە سەۋەب بولغان.

ئەنگىلىيە ب ب س خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بىر ھەپتىدىن بۇيان، ئىراقتا ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇملار ئارقا - ئارقىدىن يۈز بەرگەن بولۇپ، باغداتتىكى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىناسىغا تاشلانغان بومبا 3 ئادەمنى ئۆلتۈرگەن، بۇنىڭدىن سىرت، باغدات ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى يولدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئېيتىشىچە، شەنبە كۈنى يەنە بىر ئامېرىكا ئەسكىرى ئۆلتۈرۈلگەن. ئىراقتا يېقىندىن بۇيان، قارشىلىق كۆرسەتكۈچى كۈچلەرنىڭ ھۇجۇملىرى داۋاملىق تۈردە يۈز بېرىپ، ئىراقنىڭ ۋەزىيىتىنى كەسكىنلەشتۈرمەكتە. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.