ئامېرىكا ۋە ئىراق قىسىملىرى، باغداتتا قارشىلىق كۆرسەتكۈچى كۈچلەرگە قارىتا ھۇجۇم قوزغىدى


2005.08.07

ئامېرىكا ۋە ئىراق قىسىملىرى، باغداتتا بىر قاتار ھۇجۇملارنى قوزغاپ، قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەردىن 6 نى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن.

ئىراق دائىرىلىرىنىڭ شەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ، قارشىلىق كۆرسەتكۈچى كۈچلەرگە قارىتا تىك ئۇچار ئايروپىلانلىرىنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق زەربە بەرگەن ۋە ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىش ھۇجۇمى ئېلىپ بارماقچى بولغان بىر قارشىلىق كۆرسەتكۈچىنى نەق مەيداندا يوقاتقان.

ئامېرىكا ئەسكەرلىرى باغداتتا 7 نەپەر قارشىلىق كۆرسەتكۈچىنى ھەمدە بومبا قاچىلانغان ماشىنا بىلەن پارتلىتىش مەقسىدىگە يەتمەكچى بولغان يەنە بىر قارشىلىق كۆرسەتكۈچىنى قولغا چۈشۈرگەن.

بىرلەشمە ئارمىيە خادىمىنىڭ ئېيتىشىچە، ئىراقتىكى قارشىلىق كۆرسەتكۈچى كۈچلەر، يېقىندىن بۇيان ئىراندىن كىرگۈزۈلگەن مۈرەككەپ ۋە كۈچلۈك بىر خىل پارتلاتقۇچ بومبا ئىشلىتىلىۋاتقان بولۇپ، بىرلەشمە ئارمىيە خادىمىنىڭ ئېيتىشىچە ، تېھران ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل ئەتكەس پارتلاتقۇچنى ئىراققا كىرگۈزۈش ئۈچۈن قولاي شارائىت يارىتىپ بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئىسپات يوق ئىكەن. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.