ئىراق ئاساسى قانۇنىنى ماقۇللاش سۈرىكى يەنە ئۈچ كۈن ئۇزارتىلدى


2005.08.23

ئىراق ئاساسى قانۇنىنى تۈزۈش مەجلىسىدىكى ھەر قايسى تەرەپلەر، دۈشەنبە كۈنى ئاساسى قانۇن تۈزۈش سۈرىكىنى يەنە كۈن ئۇزارتىش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلدى. بۇ ئاساس قانۇن تۈزۈش مۇددىتىنىڭ 2 - قېتىم ئۇزارتىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇ كۈنى ئاساسى قانۇن مەجلىسىدىكى ئەزالارغا ئىراق ئاساسى قانۇنىنىڭ لاھىيىسى تارقىتىپ بېرىلگەن، ئەمما مەجلىس ئاساسى قانۇن لاھىيىسىنى ئاۋازغا قويمىدى.

سۈنئىيلەر ئاساسى قانۇن لاھىيىسىدىكى بەزى ماددىلارنى قوبۇل قىلمىغان. بۇ ماددىلار فېدېراتسىيە تۈزۈمىنى ئورنىتىش، فېدېراتسىيە رايونلىرىنى قانداق ئايرىش، پارلامېنت ۋە باش مىنىستىرنىڭ ھوقۇق دائىرىسىنى قانداق بېكىتىش قاتارلىق مەسىلىلەرگە چېتىلغان.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا شىئەلەر بىلەن كۈردلەر ئاساسى قانۇن لاھىيىسىگە قوشۇلغان. بۇ ئىككى گۇرۇھ ئاساسى قانۇن مەجلىسىدە كۆپ سانلىقلارنى ئىگىلەيدۇ.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تەكىتلىشىچە، شىئەلەر بىلەن كۈردلەرنىڭ مەجلىستىكى سانى ئاساسى قانۇن لاھىيىسىنى تەستىقلاشقا يەتسىمۇ، بىراق بۇنداق قىلىش سىياسى كرىزىسنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سۈنئىيلەرنىڭ مەۋجۇت تۈزۈمدىن تېخىمۇ يىراقلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىكەن. ھازىر ئىراقتىكى قوراللىق ھۇجۇملارنى سۈنئىي كۈچلەر ئېلىپ بارماقتا. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.