ئامېرىكا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئەلقائىدە پاناھگاھىنى بومبىلىدى


2005.08.26

ئامېرىكا ئۇرۇشچى ئايروپىلانلىرى جۈمە كۈنى، ئىراقنىڭ غەربىي رايونىدىكى سۇرىيە چېگرىسى ئەتراپىدا ئەلقائىدە تەشكىلاتىنىڭ بىر پاناھگاھىنى بومباردىمان قىلدى. ئامېرىكا ھەربىي خادىملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بومباردىمان نەتىجىسىدە ئەلقائىدە ئەزالىرى يوشۇرۇنغان بىر بىنا پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان ۋە بىنادا يوشۇرۇنغان 50 كىشى ئۆلگەن.

بۇ ئارىدا ئىراقتىكى شىيىلەرنىڭ ۋەكىللىرى، ئاساسىي قانۇن لايىھىسىنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن سۇننىيلەرنىڭ ۋەكىللىرىگە يېڭى بىر تەكلىپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى. كۆپچىلىككە مەلۇم بولغاندەك، ئىراقتا كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان شىيىلەر ۋە كۈردلەر يېڭى ئاساسىي قانۇن لايىھىسى ئۈستىدە كېلىشكەن. لېكىن سۇنىئىيلەرنىڭ ۋەكىللىرى ئاساسىي قانۇن لايىھىسىنىڭ نۇرغۇن ماددىلىرىغا قارشى چىقماقتا.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىراقتىكى شىيىلەرنىڭ ۋەكىللىرى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جۇرج بۇشنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، سۇننىيلەرگە ئاساسىي قانۇن لايىھىسىنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن يېڭى بىر تەكلىپ سۇنۇشقا ماقۇل بولغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ئىراقتىكى قارشىلاشقۇچى كۈچلەرنىڭ ھەرىكىتىنى ئاجىزلىتىش ئۈچۈن، قانداقلا بولمىسۇن سۇننىيلەرنىڭ ئىراقتىكى ھاكىمىيەتتە ئورۇن ئېلىشىغا تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.

ئۆزى بىر سۇننىي ئەرەب بولغان ئىراقنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى غازى ئەلياۋەر، ئاساسىي قانۇن لايىھىسىنىڭ شىيىلەر ۋە كۈردلەر تەرىپىدىن يېزىلغانلىقىنى، لېكىن ئىراقنىڭ، پۈتۈن ئىراق خەلقى تەڭ ھوقۇقلۇق دەپ قارايدىغان بىر ئاساسىي قانۇنغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.