باغداتتا يۈز بەرگەن پاجىئەدە 650 كىشى قازا قىلدى
2005.08.31
ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، تېررورلۇق ھۇجۇم ھەققىدە تارالغان بىر خاتا ئۇچۇر سەۋەبىدىن چارشەنبە كۈنى باغداتتىكى بىر كۆۋرۈكتە شىئە مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا ئالاقزادىلىك يۈز بېرىپ، قىستا-قىستاڭچىلىقتا 650 كىشى قازا قىلغان ھەمدە 300 گە يېقىن كىشى يارىلانغان.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ۋەقە يۈز بەرگەندە كۆۋرۈك ئۈستىدە نەچچە مىڭغا يېقىن شىئە مۇسۇلمانلىرى بار بولۇپ، ئۇلار باغداتتىكى بىر مەسچىتتە ئۆتكۈزىلىدىغان دىنىي پائالىيەتكە قاتنىشىشقا ماڭغان ئىكەن.
ئۇلار ئارىسىدا، كۆۋرۈكتە ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېرلىك پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر تارالغاندىن كېيىن، كىشىلەر چۆچۈپ كېتىپ، ھەر قايسى تەرەپكە قاراپ قېچىشقان. نەتىجىدە كۆۋرۈك ۋادەكلىرى قىستاڭچىلىقتا ئۆرۈلۈپ كېتىپ، نۇرغۇن كىشىلەر سۇغا چۈشۈپ كەتكەن. ھەتتا بەزىلىرى دەسسىلىپ ئۆلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئۆلگەنلەر ئاساسلىقى ئاياللار، بالىلار ۋە ياشانغانلار ئىكەن.
بۇنىڭ ئالدىدا قوراللىق ھۇجۇمچىلار بۇ يەردىكى بىر مەسچىتكە راكىتا ئېتىپ، 7 كىشىنىڭ ئۆلۈشى ۋە 36 ئىسىنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. (پەرىدە)