ئىراق پرېزىدېنتى، ئاساسىي قانۇن لايىھىسىگە ئۆزگىرىش كىرگۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى


2005.09.05

ئىراقنىڭ پرېزىدېنتى جالال تەلەبانى دۈشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇ ۋە باشقا ئىراق كۈرد رەھبەرلىرىنىڭ، ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئەندىشىلىرىنى ئازايتىش ئۈچۈن ئىراقنىڭ ئاساسىي قانۇنىنىڭ بەزى ماددىلىرىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدا كىلىشكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئەرەب دۆلەتلىرى، ئىراقنىڭ يېڭى ئاساسىي قانۇنى، ئىراقنىڭ ئەرەب دۇنياسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ئاجىزلىتىۋىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئىراقنىڭ يېڭى ئاساسي قانۇنىدا، ئىراق بىر ئەرەب دۆلىتى ئەمەس، بىر ئىسلام دۆلىتى دەپ تونۇتۇلغان. ۋەھالەنكى ئىراق ئەرەب ئىتتىپاقىنىڭ قۇرغۇچى ئەزالىرىنىڭ بىرى. سىياسىي ئانالىزچىلار بۇ ماددىنىڭ، ئىراق نوپۇسىنىڭ 15٪ نى تەشكىللەيدىغان كۆردلەرنى خوش قىلىش ئۈچۈن قوبۇل قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئىراقتىكى سۇننىيلەر ئىراقنىڭ يېڭى ئاساسىي قانۇنىنىڭ مۇشۇ ماددىسىغا شۇنداقلا ئاساسىي قانۇندىكى ئىراقنى فېدېرال بىر دۆلەت دەپ كۆرسەتكەن ماددىلىرىغا قاتتىق قارشى چىققان ئىدى. ئۇلار -28 ئاۋغۇست كۈنى ئىراقتىكى شىيە ۋە كۈرد رەھبەرلەرتەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان ئاساسىي قانۇن لايىھىسىنى رەت قىلىپ، مەزكۇر ئاساسىي قانۇن لايىھىسىنىڭ 15 - ئۆكتەبىر كۈنى ئۆتكۈزىلىدىغان رايى سىناشتا قوبۇل قىلىنماسلىقى ئۈچۈن ھەرىكەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پرېزىدېنت تەلەبانى، كۆرد رەھبەرلىرىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا قانداق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدا كېلىشكەنلىكى ھەققىدە ئېنىق بىر مەلۇمات بەرمىدى. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.