باغداتتىكى بىر قاتار پارتلىتىشتا 120 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلدى
2005.09.14
باغدات شەھىرىدە چارشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن بىر قاتار پارتلىتىش ۋەقەلىرىدە ئاز دېگەندە 120 ئادەم ئۆلدى،200 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، باغدات شەھىرى چارشەنبە كۈنى ئون قېتىم بومبا ھوجۇمىغا ئۇچرىغان. ئەڭ قاتتىق بىر قېتىملىق ھوجۇمدا، پارتلاتقۇچ دورا قاچىلانغان بىر ماشىنا ئىشلەمچىلەر توپلىشىپ خىزمەت كۈتۈپ تۇرغان جايدا پارتلىغان. شىيىلار توپلاشقان رايوندا يۈز بەرگەن بۇ قېتىمقى پارتلاشتا ئاز دېگەندە 108 ئادەم ئۆلگەن، 160 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان.
بۇنىڭ ئالدىدا، ئۆزىنى ئىراقتىكى ئەل - قايدە دەپ ئاتىغان بىر تەشكىلات ئىنتېرنېتتە بايانات ئېلان قىلىپ، ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا قارشىلاشقۇچى كۈچلەرگە قاراتقان ھۇجۇمىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، مەملىكەت بويىچە ھۇجۇم قوزغايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا قوشۇنلىرى ۋە ئىراق دائىرىلىرى يېقىندا ئىراقنىڭ شىمالىدا قارشىلاشقۇچى كۈچلەرنى تازىلاش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان ئىدى.
باغداتتا دەھشەتلىك پارتلاش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن ۋاقىت دەل، ئىراق پرېزىدېنتى جالال تالابانى ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىپ، پرېزىدېنت جورج بۇش بىلەن كۆرۈشكەن بىر مەزگىلگە توغرا كېلىدۇ. ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئۇچرۇشۇشتىن كىيىن، ئامېرىكا قوشۇنلىرىنىڭ ئىراقتىن چېكىنىش ۋاقتىنى بىكىتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. (ئارزۇ)