ئامېرىكا ئارمىيىسى ئىراقتا كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەت باشلىدى


2005.10.02

ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ئارمىيىسى ئىراقنىڭ غەربىدىكى سۈرىيە بىلەن بولغان چېگرىسىغا يېقىن جايدا قوراللىق پىدائىلارغا كەڭ كۆلەملىك زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى ئېلىپ بارغان.

1000 غا يېقىن ئامېرىكا ئەسكىرى يەكشەنبە كۈنى ئەتىگەن، تىك ئۇچار ۋە ئۇرۇش ئايرۇپىلانلىرىنىڭ ھىمايىسىدا ئىراقنىڭ غەربىدىكى ساداھ كەنتىگە كېلىپ، بۇ يەردىكى يوشۇرۇن قوراللىق پىدائىلارغا قارىتا ھۇجۇم قوزغىغان. نەتىجىدە 8 نەپەر قوراللىق پىدائى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

ئامېرىكا ھەربىي قىسمىنىڭ "تۆمۈر مۇشت" دەپ ئاتالغان بۇ ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى بولسا، 10 -ئاينىڭ 15 - كۈنىدىكى ئىراق ئاساسىي قانۇن ئومۇمىي سايلىمىنىڭ ئالدى-كەينىدە ئامانلىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئىراققا سۇقۇنۇپ كىرىۋالغان چەتئەل قوراللىق پىدائىيلىرىگە زەربە بېرىش ۋە ئۇلار يوشۇرۇنىۋالغان جايلارنى ۋەيران قىلىش ئىكەن.

ئىلگىرىكى بىر-ئىككى كۈندىن بۇيان ئىراقتا قوراللىق پىدائىلار سادىر قىلغان پارتلاش ۋەقەلىرى ئارقا-ئارقىدىن يۈز بەرگەن بولۇپ، پەيشەنبە كۈنى باغداتتا يۈز بەرگەن بىر پارتلاشتىلا ئاز دېگەندە 95 كىشى قازا قىلغان ئىدى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.