ئامېرىكا ئىراق سۈننى مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئاساسىي قانۇننى قوللىشىنى قارشى ئالدى


2005.10.12

ئاق ساراي چارشەنبە كۈنى، ئىراق سۈننى مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئاساسلىق پارتىيىسى بولغان ئىراق ئىسلام پارتىيىسىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتتا، ئىراقتىكى شىئە مۇسۇلمانلىرى ۋە كۇردلار بىلەن بىر كېلىشىمگە كېلىپ، ئىراق ئاساسىي قانۇنىنى قوللىشىنى قارشى ئالدى.

مەزكۈر كېلىشىم بويىچە، ئىراق ئىسلام پارتىيىسى، ئىراق ئاساسىي قانۇنىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭ ئالدىدا، ئىراقتىكى شىئە ۋە كۇرد پارلامېنت ئەزالىرى، ئاساسىي قانۇن ماقۇللانغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى ئويلىشىشقا قوشۇلغان ئىدى.

ئاق ساراي باياناتچىسى بۇ كېلىشىمنىڭ "ئاكتىپ بىر قەدەم" ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، بۇنىڭ خەلقلەرنىڭ ئومۇمىي سايلامغا ئاكتىپ قاتنىشىشىغا پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما ئۇ يەنە، تېررورچىلار مەغلۇبىيەتكە يۈزلەنگەنسېرى، سايلامغا ئائىت زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

ئىراق ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، چارشەنبە كۈنى بىر نەپەر قوراللىق ئۇنسۇر ئىراق چېگرىسىغا يېقىن جايدىكى ھەربىي بازىدا، يېڭىدىن قوبۇل قىلىنغان ئىراق ئەسكەرلىرى ئارىسىدا ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش خاراكتېردە پارتلاش سادىر قىلىپ، ئاز دېگەندە 30 كىشىنىڭ ئۆلىمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.