ئىراقتىكى ئاساسىي قانۇن سايلىمى ئاياقلاشتى
2005.10.16
ئىراقتا 15 - ئۆكتەبىر كۈنى ئېلىپ بېرىلغان ئاساسىي قانۇن ئومۇمىي سايلام ئاخىرلىشىپ، بېلەت ساناش ئىشلىرى جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قېتىملىق سايلامدا بېلەت تاشلىغان ئىراقلىقلارنىڭ سانى 15 مىليوندىن ئاشقان ھەمدە بېلەت تاشلاش نىسبىتى 60% كە يەتكەن. شۇنداقلا بۇ، ئىراق ۋە ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ مۆلچىرىدىنمۇ يۇقىرى بولغان.
لوندوندا زىيارەتتە بولىۋاتقان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندولىزا رايس، ئىراقتىكى سايلامنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى تەبرىكلەپ، "يېڭى ئاساسىي قانۇن بەلكىم ئاللىقاچان ماقۇللىنىپ بولدى" دەپ بىلدۈردى.
سايلامنىڭ دەسلەپكى نەتىجىسى دۈشەنبە كۈنى، رەسمىي بولمىغان نەتىجىسى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنىپ، ئەڭ ئاخىرقى رەسمىي نەتىجىسى 10 -ئاينىڭ 24 - كۈنى جاكارلىنىدىكەن.
ئىراق ئاساسىي قانۇن سايلىمىنىڭ جەريانى ئاساسىي جەھەتتىن ئوڭۇشلۇق بولغان بولۇپ، سايلاممۇ ئاساسىي قانۇنغا "قوشۇلۇش" ياكى "قوشۇلماسلىق" تىن ئىبارەت ئاددىي بېلەت تاشلاش ئۇسۇلى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان.
ئەگەر ئىراقتىكى 18 ئۆلكىنىڭ ئارىسىدا سۈننى مۇسۇلمانلىرى جايلاشقان ئوتتۇرا قىسىمدىكى 3 ئۆلكىدە 2/3 قىسىم كىشى سايلامدا قارشى ئاۋاز تاشلىسا، ئۇ چاغدا ئىراقنىڭ بۇ يېڭى ئاساسىي قانۇنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىنىدىكەن. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا ئىراق سۈننى مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئاساسىي قانۇننى قوللىشىنى قارشى ئالدى
- ئامېرىكا ئارمىيىسى ئىراقتا كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەت باشلىدى
- باغداتتىكى بىر قاتار پارتلىتىشتا 120 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلدى
- ئىراق پرېزىدېنتى، ئاساسىي قانۇن لايىھىسىگە ئۆزگىرىش كىرگۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
- باغداتتا يۈز بەرگەن پاجىئەدە 650 كىشى قازا قىلدى