باغداتتا ئېلىپ بېرىلغان ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇمدا 4 كىشى ئۆلدى
2005.10.24
يەكشەنبە كۈنى، ئىراقنىڭ پايتەختى باغداتتا ئېلىپ بېرىلغان بىر ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇمدا تۆت كىشى ئۆلدى. بۇ بىر نەچچە ھەپتىدىن بىرى ئىراقتا ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى ئېتىملىق ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇم ئىدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئىراقنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋە توقۇنۇشلاردا 20 دىن كۆپ كىشى ئۆلگەن.
ئىراقنىڭ پايتەختى باغداتتا بۇ يىل ناھايىتى قانلىق ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇملار ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، 1 ئاپرىلدىن سېنتەبىرنىڭ ئاخىرلىرىغىچە بولغان ۋاقتى ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇملاردا 700 گە يېقىن كىشى ئۆلگەن. ئەمما باغداتتىكى ئامېرىكا قىسىملىرى ۋە ئىراق ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئېلىنغان قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى سەۋەبىدىن ئۆتكەن بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇملار خېلىلا ئازايغان ئىدى.
يەكشەنبە كۈنى، باغداتتا ئېلىپ بېرىلغان ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇملار 26 - سېنتەبىر كۈنى ئىراق نېفىت مىنىستىرلىقى يېقىن جايدا ئېلىپ بېرىلگەن ھۇجۇمدىن كېيىن، باغداتتا ئېلىپ بېرىلغان ئەڭ قانلىق ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇم ھېسابلىنىدۇ.
بۇ ئارىدا، ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گەرچە ئامېرىكا قىسىملىرى ئىراقنىڭ غەربىي رايونىدىكى شەھەرلەردە ئېلىپ بارغان بىر قاتار ھەربىي ھەرىكەتلىرى بىلەن، ئىراقتىكى قارشىلاشقۇچى كۈچلەرنىڭ كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش ئىقتىدارىنى ئازايتقانلىقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىراق ئۇرۇشىدا ئۆلگەن ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سانى 2000 كىشىگە يېقىنلاشقان. (قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئىراقتىكى ئاساسىي قانۇن سايلىمى ئاياقلاشتى
- ئامېرىكا ئىراق سۈننى مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئاساسىي قانۇننى قوللىشىنى قارشى ئالدى
- ئامېرىكا ئارمىيىسى ئىراقتا كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەت باشلىدى
- باغداتتىكى بىر قاتار پارتلىتىشتا 120 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلدى
- ئىراق پرېزىدېنتى، ئاساسىي قانۇن لايىھىسىگە ئۆزگىرىش كىرگۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى