ئىراقنىڭ يېڭى ئاساسىي قانۇنىنى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى
2005.10.25
ئىراق ھۆكۈمىتى، ئىراقنىڭ يېڭى ئاساسىي قانۇن لاھىيىسىنىڭ 15 - ئۆكتەبىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئومومىي خەلق سايلىمىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتكەنلىكىنى جاكارلىدى.
ئىراق سايلام ئەمەلدارلىرىنىڭ بىلدۈرىشىگە قارىغاندا، سايلام خەلقىنىڭ 78% ئى بۇ ئاساسىي قانۇنغا قوشۇلغان، 21% ئى قارشى چىققان.
چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سۈنئىي مۇسۇلمانلىرى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ئىككى ئۆلكىدىكى كۆپ قىسىم كىشىلەر بۇ يېڭى ئاساسىي قانۇنغا قوشۇلماسلىق بېلىتىنى تاشلىغان. ئەگەر ئۈچ ئۆلكىدىكى ئۈچتىن ئىككى قىسىم پۇقرالار بۇ ئاساسىي قانۇنغا قارشى چىققان بولسا، بۇ ئاساسىي قانۇن پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىناتتى.
ئىراقنى ئەرەپ دۆلىتى ئەمەس، ئىسلام دۆلىتى دەپ تونۇشتۇرۇلغان بۇ ئاساسىي قانۇننى ئىراقتىكى شىيەلەر ۋە كۇردلار قوللاۋاتقان بولۇپ، ئەمما سۈننىيلەر بۇنىڭغا قارشى چىقىۋاتقان ئىدى.
سايلام ئەمەلدارلىرى، ئومومىي سايلامدا ساختىلىق ئەھۋاللىرىنىڭ كۆرۈلمىگەنلىكىنى، بىلەت ساناش ئىشلىرىنىڭ 100% ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىراقنىڭ شىمالىدىكى كۇردلار ئولتۇراقلاشقان سۇلايمان شەھىرىدە بىر يۈرۈش پارتلاش ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ، ئاز دىگەندە تۇققۇز ئادەم ئۆلدى. بۇنىڭدىن بىر كۈن ئىلگىرى باغداتتىمۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىق پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 17 ئادەم ئۆلگەن، 9 ئادەم يارىلانغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، چەتئەل مۇخبىرلىرى تۇرىۋاتقان بىر مېھمانخانىدا يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەدە، ئاساسلىقى ئامانلىق ساقلاش ۋە مېھمانخانا خادىملىرى، يولۇچىلار ئۆلگەن. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- باغداتتا ئېلىپ بېرىلغان ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇمدا 4 كىشى ئۆلدى
- ئىراقتىكى ئاساسىي قانۇن سايلىمى ئاياقلاشتى
- ئامېرىكا ئىراق سۈننى مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئاساسىي قانۇننى قوللىشىنى قارشى ئالدى
- ئامېرىكا ئارمىيىسى ئىراقتا كەڭ كۆلەملىك ھەرىكەت باشلىدى
- باغداتتىكى بىر قاتار پارتلىتىشتا 120 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلدى