ئىراق سۈننى مۇسۇلمانلىرى خەلقئارادىن تۈرمە ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى


2005.11.16

ئىراق سۈننى مۇسۇلمانلىرى خەلقئارا جەمئىيەتتىن، باغداتتىكى بىر مەخپىي تۈرمىدە سۈننى مۇسۇلمان مەھبۇسلارنىڭ قىيىن-قىستاققا ئۇچراش ۋەقەسى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

ئىراق باش مىنىستىرى ئىبراھىم ئەل جافارى سەيشەنبە كۈنى بۇ ۋەقەنى تەكشۈرۈپ چىقىشقا قوشۇلغان ئىدى. ئامېرىكا ئارمىيىسى يەكشەنبە كۈنى بۇ مەخپىي تۈرمىنى بايقىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يەردە 168 نەپەر مەھبۇس قاماقلىق ئىكەن. بۇلارنىڭ ئارىسىدا 3 كىشىدىن باشقا، قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى سۈننى مەزھىپىدىكى ئەرەبلەر ئىكەن.

شۇنداقلا، بۇ مەھبۇسلارنىڭ تۇرقىدىن ئاچارچىلىق ۋە قىيىن-قىستاق دەردىنى بولۇشىغا تارتقانلىقى چىقىپ تۇرىدىكەن. ئىراق ئىچكى كابىنتىنىڭ كۆپ قىسىم ئەمەلدارلىرى شىئە مەزھىپىدىن بولۇپ، بۇ ئەھۋال ئەمدى ئىراقتىكى مەزھەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى ۋەزىيەتنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈشى مۇمكىن. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.