ئامېرىكا ئىراقتىكى ھەربىي قوشۇنىنى قىسقارتىشنى پىلانلىماقتا

ئامېرىكىدىكى "ۋاشىنگتون پوچتىسى" گېزىتىنىڭ چارشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى كېلەر يىلى بېشىدىن باشلاپ، ئىراقتا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ سانىنى قىسقارتىشنى پىلانلىماقتا. بۇ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ دەسلەپكى لايىھىسى بولۇپ، ئىراقتا يۈز بەرگەن ھەر قانداق چوڭ ۋەقەلەر بۇ لايىھىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندولىزا رايسمۇ بۇ خەۋەرنى ئىسپاتلاپ، ئىراقتا ھازىر نۇرغۇن ئىلگىرلەشلەرنىڭ بولىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا ئامېرىكىنىڭ ئەمدى ئىراقتا ھازىرقى كۆلەمدىكى قوشۇن تۇرغۇزىشىنىڭ ھاجەتسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئەمما ئۇ بۇ پىلاننىڭ ئېنىق كۈن تەرتىۋى ۋە قىسقارتىلىدىغان ئەسكەرلەرنىڭ سانى توغرىسىدا تەپسىلىي توختالمىدى.

نۆۋەتتە ئىراقتا تەخمىنەن 160 مىڭ ئامېرىكا ئەسكىرى تۇرىۋاتقان بولۇپ، "ۋاشىنگتون پوچتىسى" گېزىتىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرىشىچە، كېلەر ئايدىكى ئىراق سايلىمىدىن كېيىن، ئامېرىكا ئەسكىرى ئاز دېگەن 138 مىڭغا قىسقارتىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئامېرىكىدىكى يەنە بىر قىسىم سىياسىي ئانالىزچىلار، كېلەر يىلىغىچە ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ 100 مىڭغا قىسقارتىلىشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلماقتا. خەۋەردە مەلۇم بولىشىچە، ئىراقتىن قىسقارتىلغان ئامېرىكا ئەسكەرلىرى كۇۋەيىتكە ياكى باشقا پارىس قولتۇغى دۆلەتلىرىگە يۆتكىلىشى مۇمكىن. (پەرىدە)