بۇش ئىراقتىن قوشۇن چېكىندۈرۈش ۋاقىت جەدۋىلىنى بېكىتمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى


2005.11.30

دۆلەت ئىچىدە ئىراق مەسىلىسىدە بارغانسېرى كۈچلۈك بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتقان ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج ۋ بۇش چارشەنبە كۈنى ئىراق مەسىلىسىدىكى ئىستراتېگىيىلىك پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئامېرىكىنىڭ ھازىر ئىراقتىن قوشۇن چېكىندۈرۈش ۋاقىت جەدۋىلىنى بېكىتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

چارشەنبە كۈنى بۇش، ئامېرىكا مارىلاند شتاتىنىڭ ئاناپولىس شەھىرىدىكى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە ئاكادېمىيىسىدە قىلغان نۇتىقىدا، ئىراقتىن قوشۇن چېكىندۈرۈش ۋاقىت جەدۋىلىنى تۈزۈش قارىشىغا رەددىيە بېرىپ، بۇنداق قىلىشنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداش دۆلەتلىرىگە خاتا سىگنال بېرىپ قويىدىغانلىقىنى ھەمدە تېررورچىلارنى بىز مۇشۇنداق داۋاملىق ھۇجۇم قىلىۋەرسەكلا، ئامېرىكىنى مەغلۇب قىلالايمىز دەيدىغان ئۇقۇمغا كەلتۈرۈپ قويۇدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

بۇش يەنە، ئامېرىكىنىڭ قوشۇن چېكىندۈرۈشىنىڭ، ئىراق ۋەزىيىتىگە باغلىق بولۇپ، بۇنىڭ ۋاشىنگتوندىكى سىياسىيونلارنىڭ قارارىغا قاراشلىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ، ئىراقتىكى ئامېرىكا ئارمىيىسىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، ئامېرىكا ئارمىيىسىنى مەلۇم دەرىجىدە قىسقارتىشى مۇمكىنلىكىنى، ئەمما ئالدىنقى سەپ ئېھتىياجى بولغان چاغدا، ھەتتا ئەسكەر كۆپەيتىش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىدى.

پرېزىدېنت بۇش ھازىر دۆلەت ئىچىدە بارغانسېرى چوڭ سىياسىي بېسىمغا دۇچ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكىدىكى دېموكراتچىلار بۇشنىڭ ئىراق ئۇرۇشىنى تېزدىن ئاخىرلاشتۇرۇشىنى كۈچلۈك تەلەپ قىلماقتا. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.