ئامېرىكا قوشۇنى ئىراقنىڭ غەربىدە زور يوقىتىشقا ئۇچرىدى


2005.12.02

ئىراقتىكى ئامېرىكا قىسىملىرى پەيشەنبە ئىراقنىڭ غەربىدىكى فالۇجادا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىدە زور يوقىتىشقا ئۇچرىدى. ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، پەيشەنبە كۈنى يول ياقىسىغا كۆمۈپ قويۇلغان بومبىنىڭ پارتلاپ كېتىشى سەۋەبىدىن ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى پىيادە قىسىملىرىنىڭ 10 ئەسكىرى ئۆلگەن، 11 كىشى يارىلانغان. بۇ ئامېرىكا قىسىملىرى ئىراق ئۇرۇشى باشلانغاندىن بېرى ئۇچرىغان ئەڭ ئېغىر يوقىتىشلارنىڭ بىرى.

پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەندە ئامېرىكا قىسىملىرى بۇ رايوندا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىكەن. ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ پىيادە قىسىملىرى فالۇجانىڭ غەربىدىكى رامادىدا جۈمە كۈنى كەڭ كۆلەملىك تازىلاش ئېلىپ باردى.

بۇ خىل تازلاش ھەرىكەتلىرىنىڭ بۇ رايوندا 5 - قېتىم ئېلىپ بېرىلىشى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. بۇ خىل تازىلاش ھەرىكەتلىرىنىڭ مەقسىتى بۇ ئاي ئىچىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىراق پارلامېنت سايلىمىدىن بۇرۇن، ئىراق قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچلىرىگە زەربە بېرىش ئىكەن. بۇ ئارىدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش مەملىكەت ئىچىدە ئىراقتىن قوشۇن چېكىندۈرۈشنى تەلەپ قىلغۇچىلارنىڭ بېسىمىغا دۇچ كەلمەكتە. ئەمما ئۇ، سەيشەنبە كۈنى ئىراقتىن قوشۇن چېكىندۈرۈش ۋاقىت جەدىۋىلى ئېلان قىلىشنى رەت قىلدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.