ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇش ئىراقتا ھازىرغىچە 30 مىڭ كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى


2005.12.12

ئامېرىكا پرېزدېنتى جۇرج بۇش دۈشەنبە كۈنى 2003 - مارت ئېيىدىن يەنى ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرى ئىراققا كىرگەندىن بىرى، ئىراقتا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلار ۋە ھۇجۇملاردا 30000 ئەتراپىدا ئىراق پۇقراسىنىڭ ۋە 2140 ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئىراق ئۇرۇشىدا قۇربان بولغانلارنىڭ سانىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق، بىر تەرەپتىن ئامېرىكا خەلقىغە ئىراقتىكى ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىكىنى چۈشەندۈرۈشكە تىرىشقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئىراق خەلقىغە قانداق شارائىت ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقىنى بىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇشقا تىرىشقان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە ئىراقتىكى ئۇرۇشتا قانچىلىق ئىراق پۇقراسىنىڭ قۇربان بولغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق بىر سان ئوتتۇرىغا قويمىغان ئىدى.

1999 ‏- يىلىدىكى پارس قولتۇقى ئۇرۇشىدا قوبۇل قىلىنغان سىياسەتكە ئاساسەن، ئامېرىكا ئارمىيىسى ئىراق ئۇرۇشىدا ئۆلگەنلەرنىڭ ئېنىق سانىنى ئېلان قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلگەن. لېكىن يېقىنقى ئايلاردىن بۇيان ئىراقتىكى ئامېرىكا ھەربىي خادىملىرى توقۇنۇشلاردا ئۆلگەن ئىراقتىكى قارشىلاشقۇچى كۈچلەرنىڭ ۋە ئىراق بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ سانىنى ئېلان قىلىشقا باشلىغان ئىدى. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.