ئامېرىكنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى دېك چېينى يەكشەنبە كۈنى ئىراقنى تۇيۇقسىز زىيارەت قىلىپ، پەيشەنبە كۈنى ئىراقتا ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمىنى، ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرىنى ئىراقتىن چېكىندۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن مۇھىم بىر قەدەم دەپ كۆرسەتتى.
ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى دېك چېينى بىر كۈنلۈك ئىراق زىيارىتى جەريانىدا، ئىراق ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى ۋە ئىراقتىكى ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرىنىڭ قوماندانلىرى بىلەن ئۇچراشقان ھەمدە تىك ئۇچار بىلەن باغداد شەھىرىنى ئايلانغان شۇنداقلا ئىراق ئەسكەرلىرى تەربىيىلىنىۋاتقان تاجى ھاۋا بازىسىنى زىيارەت قىلىپ، مەزكۇر بازىدىكى ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە سۆز قىلغان. دېك چېينى سۆزىدە، ئامېرىكىدا بەزى ئاتاقلىق سىياسەتچىلەرنىڭ، ئامېرىكا قىسىملىرىنى ئىراقتىن چېكىندۈرۈپ چىقىش كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ كۆز قاراشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
دېك چېينى ئىراقتىكى ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ قوماندانلىرى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن باغدادتا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا،پەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمىغا ئىراقتىكى ھەرقايسى ئېتنىك ۋە دىنىي گۇرۇپپىلارنىڭ قاتناشقانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇ، ئىراقتىكى دىنىي ۋە مىللىي گۇرۇپپىلارنى بىرلەشتۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ، دېگەن.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دېك چېينىنىڭ زىيارىتى ناھايىتى مەخپىي تۇتۇلغان بولۇپ، ھەتتا ئىراق باش مىنسىتىرىمۇ بۇ زىيارەتتىن ئالدىن خەۋەردار قىلىنمىغان. (ئەقىدە)