ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى ئىراقتا ئۆتكۈزۈلگەن، پارلامېنت سايلىمىنىڭ ئالدىنقى نەتىجىلىرىگە قارىغاندا، ئىراق خەلقى پارلامېنت سايلىمىدا مىللىي ۋە دىنىي تەۋەلىكى ئاساسىدا ئاۋاز بەرگەن.
شىئە مۇسۇلمانلىرى كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان رايونلاردا شىئە پارتىيىلەر، سۇننىيلەر كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان رايونلاردا سۈننىيلەرنىڭ پارتىيىلىرى ۋە كۈردلەر ياشايدىغان رايونلاردا كۈرد مىللىي پارتىيىلىرى ئاۋازلارنىڭ ئاساسلىق قىسمىنى قولغا كەلتۈرگەن.
سايلام نەتىجىسىگە قارىغاندا، ھازىر ئىراقتا ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرىۋاتقان شىيە دىنىي ئىتتىپاقى ئەڭ كۆپ ئاۋاز غا ئېرىشكەن. پەيشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن پارلامىنت سايلىمىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى، بۇ سايلامدا ئىراق خەلقىنىڭ دىنىي ئەقىدىسىنىڭ تېخىمۇ كۈچلەنگەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى. چۈنكى سايلام نەتىجىسى ھەم شىئە ھەم سۈننى دىنىي پارتىيىلەرنىڭ ئەڭ كۆپ ئاۋازغا ئېرىشكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.
ئىراقتا ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمىنىڭ نەتىجىسىنىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن بىرلىكتە، ساددام ھۆسەيىن ھاكىمىيىتىنىڭ 24 ئالىي دەرىجىلىك خادىمىنىڭ تۈرمىدىن قويوپ بېرىلگەنلىكى ئېلان قىلىندى. (قانات)